بۈگۈن كەچتە تارىخي خاراكتېرلىك يىغىننىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ

parida 2017-09-20 12:50:29

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 20-كۈنى) دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرى «تارىخي خاراكتېرلىك مۇھىم يىغىن» - ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ. گەرچە ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما فېدېراتسىيە كومىتېتى بالانس جەدۋىلىنى قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، بۇ بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قارار بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈم قوشۇشقا قارىغاندا، جەدۋەل قىسقارتىش پىلانى «ئەڭ خەتەرلىك ئامىل» بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تەسىر كۈچىمۇ ئىنتايىن چوڭ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى بالانس جەدۋىلىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئاشكارا بازار كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ؛ بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 02:30 دە، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.