فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

parida 2017-09-20 15:11:54

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئاز نىسبەتتە ئۆسكەندىن كېيىن يەنە تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1310.74 دوللارغا چىقتى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1305.13 دوللارغا چۈشتى، تەۋرىنىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولدى، نۆۋەتتە بازارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كەيپىياتى كۈچلۈك بولماقتا. دوللار كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ سىياسەت يىغىنى مەزگىلىدە ئۆرلەش سۈرئىتى ئاستا بولدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى يىغىندا پۇل سىياسىتىنى چېڭىتىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. سەيشەنبە كۈنى فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى باشلاندى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 8-ئايلىق يېڭى ئۆي قۇرۇلۇش باشلاش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولدى؛ ئەمما 7-ئايلىق يېڭى ئۆي قۇرۇلۇش باشلاش سانى تۈزىتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا 8-ئايلىق يېڭى ئۆي قۇرۇلۇش باشلاش سانىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.8 تۆۋەنلىدى، ئېشىش نىسبىتىمۇ مۆلچەردىكىگە يەتمىدى. سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ سايلامدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ؛ پايچەك بازىرىمۇ تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ چاۋشيەن بولسا بىر «چۈشكۈنلۈشكەن ھاكىميەت»؛ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئىقتىدارى بار، ئامېرىكا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى زور سوممىلىق بالانس جەدۋىلىنى قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، بۇ 10 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى بولۇپ، ئالتۇنغا پايدىسىز. ئالتۇن باھاسى بۇ ئايدا بىر يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 1357.54 دوللاردىن %4 تۆۋەنلىدى، چاۋشيەن يادرو كرىزىسىغا بولغان ئەندىشىنىڭ پەسىيىشى بىلەن ئالتۇن ئېھتىياجىمۇ تۆۋەنلىدى. نۆۋەتتە بازارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بولۇپ، ئەگەر ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرىلىسا، بۇ ئۆسۈمسىز مۈلۈك بولغان ئالتۇننىڭ پۇرسەت تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ قارىمۇقارشى مۇناسىۋىتى يەنىلا ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تىرەك بولىدۇ. تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، 1300 دوللار ئالتۇننىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇپ، بۇ باھادىن چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، يېڭى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا قوش يۆنىلىشلىك سودا شەكلىنى قوللىنىش نىسبەتەن ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش تەجىربىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.