تىرامپ باياناتى ئارقىلىق چاۋشيەننى «گۇمران» قىلدى

parida 2017-09-20 16:13:30

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر چاۋشيەن يادرو ئېغۋاگەرچىلىكىنى توختاتمىسا، ئامېرىكا چاۋشيەننى «ئۈزۈل-كېسىل گۇمران» قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تىرامپنىڭ باياناتىدىن كېيىن دوللار بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىسقا سىزىقى جىددىي تۈردە تۆۋەنلىدى.
تىرامپ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدىكەن، ئۇنداقتا «چاۋشيەننى پۈتۈنلەي گۇمران قىلماقتىن باشقا تاللىشىمىز يوق»‌، «راكىتاچى (چاۋشيەن زۇڭتۇڭى كىم جۇڭئۇننى دىمەكچى) پەقەت ئۆزىنى بەربات قىلىش ۋە ھاكىميەتنى ۋەيران قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ». ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن يانمايدۇ، ئەمما بىز بۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر تەدبىر بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۈچ پارچە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىق ئەھۋالى بىردەك بولمىدى.
CNBC نىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئىقتىسادشۇناسلار تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان %76 ئىقتىسادشۇناس ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 12-ئايدا ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ قارىغان، زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان بارلىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى ئەتە جەدۋەل قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىل %2.2، كېلەر يىلى %2.6 بولىدىغانلىقى؛ 10 يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى يىل ئاخىرىغىچە %2.42 گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، %45 ئىقتىسادشۇناس ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ دەپ قارىغان، %38 ئىقتىسادشۇناس ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ دەپ قارىغان.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.