پۇل-مۇئامىلە بازىرى «قاتتىق بوران-چاپقۇن» نى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا

parida 2017-09-20 11:55:34

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 20-كۈنى)ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپكى بازاردا ئاساسىي جەھەتتىن 1310 دوللارلىق سەۋىيىنى ساقلىدى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 9-ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغاچقا، بازارنىڭ سودا ئەھۋالى نىسبەتەن سۇس بولدى. سىرتقى ساھەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىندا بالانس جەدۋىلىنى قىسقارتىشنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىدى، شۇڭا بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەرىگە مەركەزلەشتى، ۋاقتى كەلگەندە پۇل-مۇئامىلە بازىرى زور داۋالغۇشنى كۈتۈۋالىدۇ.
سەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 21-كۈنى) سائەت 02:00 دە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، سىياسەت باياناتىدىن باشقا يەنە ئەڭ يېڭى ئىقتىساد ۋە ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەرىنى ئېلان قىلىدۇ، ئارقىدىن فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 02:30 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدۇ.
سىرتقى ساھەدىكىلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى چارشەنبە كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 10-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايلىق زايوم سېتىۋىلىشنى ئازايتىشى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 12-ئاينىڭ 13~12-كۈنىدىكى يىغىندا قايتا ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى زور سوممىلىق مۈلۈك بىرىكمىسىنى قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، بۇ 10 يىل ئىلگىرىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى بولۇپ، بۇ ئالتۇن ئۈچۈن پايدىسىز، چۈنكى مۇۋاپىق مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىلا ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.