2017-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-09-20 10:54:47

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چارشەنبە(9-ئاينىڭ20-كۈنى)ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 1312دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىىش ئېلىپ باردى، سەيشەنبە كۈنى(9-ئاينىڭ19-كۈنى)ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلىدە چۈشۈشنى ئاساس قىلىپ، كۈمۈش باھاسى ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نوقتا 1305دوللارغىچە چۈشكەن ، ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسى 1310دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلدى ، چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى قارارى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى ، تۆنۈگۈن بىز ئەتتىگەنلىك تەھلىلدە 1311-1313دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، مال ئېلىشقا ئەڭ يۇقىرى 1309.6دوللارغىچە چىقىپ مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، كەچ تەرەپتە تەھلىلدە 1308-1307دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1310-1313دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇنىڭ پايدىسىنى 1310دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولسا 2دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .بۈگۈن كۈندىزى تەرەپتە ئالتۇن باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ، سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى، يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئويلىشىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1320 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.