كۈمۈش باھاسى قىسقا ۋاقىت يۇقىرى ئۆرلەشكە مايىلراق

rabigul 2018-01-17 17:12:58

\

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى چارشەنبە(1-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 17.20 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ سەيشەنبە(1-ئاينىڭ 16-كۈنى) دوللارنى بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى تۆۋەنلەپ 3 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا يۇقىرى ئۆرلىدى، شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ تۆۋەن باھا 16.77 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، لېكىن ئارقىدىنلا چوڭ نىسبەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ 17.17 دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلدى.

60 مىنۇتلۇق ھالىتىدىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ئۆرلەشكە مايىلراق بولۇپ، ئەگەر چۈشتىن كېيىنكى بازاردا كۈمۈش باھاسى 17.46 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىنى ئۈنۈملۈك بۇزالىسا، ئۇنداقتا كېيىنكى نىشان 17.75 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىغا ئۇچرايدۇ. تۆۋەنلەش جەھەتتە، ئەگەر كۈمۈش باھاسى 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقتا 16.91 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇنداقتا كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 16.68 دوللار ۋە 16.50 دوللار.

نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 17.46 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىسە كېيىنكى توسالغۇ نۇقتىسى 17.75、18、18.30 ۋە 18.45 دوللار. تۆۋەنلەش جەھەتتە، دەسلەپكى تىرەش نۇقتىسى 16.91 دوللار ۋە 16.78 دوللار، تېخىمۇ تۆۋەنلىسە كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 16.65、16.50、16、15.60、15.20、15、14.60 ۋە 14.35 دوللار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.