شىۋېتسىيەدىكى سىرلىق مۇز ئوردىسى

parida 2018-01-17 17:19:13

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: يېقىندا شىۋېتسيەنىڭ jukkasa كەنتىگە جايلاشقان شىۋېتسىيە مۇزلۇق مېھمانسارىيى بۇ يىل قايتىدىن ئېچىۋىتىلگەن. 17 دۆلەتتىن كەلگەن 36 نەپەر سەنئەتكار بۇ «سىرلىق مۇز ئوردىسى» نى لايىھەلەشكە قاتناشقان. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ شىمالىغا 200 كېلومېتىر كېلىدىغان شىۋېتسيەنىڭ jukkasa كەنتىگە جايلاشقان بۇ مۇزلۇق مېھمانسارىيى1989-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى قايتا بېزىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم سەنئەتكارلار 30 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق قار-مۇزدىن ئاجايىپ نەپىس لايىھەلەنگەن «مۇزلۇق ئوردىسى» نى ياساپ چىققان. مۇزلۇق مېھمانسارىيىدا ئۆزگىچە، ھەشەمەتلىك لايىھەلەنگەن 35 يۈرۈش ياتاق ئۆي، بىر مۇز ئويما زالى ۋە پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن بالىلار باغچىسى بار. چوڭ زالدا قول بىلەن سىلىقلانغان 1000 دانە مۇز كرېستالدىن ياسالغان ئاسما چىراق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇز ئويما زالنىڭ تېمى قولدا ئۇيۇلغان 200 دانە ئۆسۈملۈك نەقىشى بىلەن بېزەلگەن.

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.