كەچلىك تاماقنى توغرا يېمىگەندە توققۇز خىل كېسەللىك پەيدا بولىدىكەن

parida 2018-01-17 16:55:11

\

بەزىلەر كەچلىك تاماقنى يېمىگەنلىك ئورۇقلاشقا، سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ.
بەزىلەر ھەمىشە ئالدىراش بولغاچقا، كەچلىك تاماقنى كېچىكىپ يەيدۇ ياكى كەچلىك تاماققا ئېتىبارسىز قارايدۇ.
كەچلىك تامىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟ ئەتىگەنلىك ناشتا، چۈشلۈك تاماققا سېلىشتۇرغاندا، كۆپىنچە كىشىلەر كەچلىك تاماقنى ئۇنچە مۇھىم بىلمەيدۇ.
بىراق، كەچلىك تاماق كىشىنىڭ ئۆمرىگە راستتىنلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاز بولمىغان كېسەللىكلەر كەچلىك تاماق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
كەچلىك تاماقنى توغرا يېمىگەندە، 9 خىل كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
1. سېمىزلىك
كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ئۇزاق كېچىدە كىشلەرنىڭ ھەرىكىتى بارغانسېرى ئازلايدۇ-دە، ئۇندىن كېيىنلا ئۇيقۇغا غەرق بولىدۇ، شۇڭا سەرپ بولىدىغان ئېنىرگىيەمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كۆپ ھەم بەك كەچ يېگەندە، قاندىكى قەنت، ياغ، ئامىنو كىسلاتانىڭ مىقدارى ئېشىپ، بۇلار ياغقا ئايلىنىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا يىغىلىپ قالىدۇ، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كىشى سەمىرىشكە باشلايدۇ.
2. جىگەرنى ماي قاپلاش
ئوخشاشلا، كەچتە بەك كۆپ ھەم تويۇنۇپ يېگەندە بەدەننىڭ مېتابولىزىمى تۆۋەنلەيدۇ، سەرپ بولىدىغان ئېنىرگىيەنىڭ يولى ئازلايدۇ، ياغ ئاسانلا بەدەندە توپلىنىپ، جىگەرنى ماي قاپلاش يۈز بېرىدۇ.
3. دىئابىت كېسىلى
ئۇزاق مەزگىل كەچلىك تاماقنى يېمىگەندە، گلىكوگېن ۋە ئېنىرگىيە ماددىلىرى يېتىشمەي، ئاسانلا بەدەندىكى شېكەر ھورمۇنىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئابىت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. ھالبۇكى كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېگەندە مېتابولىزىمدىن ھاسىل بولغان ئېنىرگىيە ئېشىپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئوخشاشلا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋىپىنى ئۆستۈرىدۇ.
4. يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكى
كۆپلىگەن كېسەللىك مىساللىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى 30~50 ياشقىچە بولغان خىزمەتچىلەرنىڭ «ئۈچ يۇقىرى» ئەھۋالى ئىنتايىن ئومۇملاشقان. بۇنىڭ سەۋەبى خىزمەتچىلەر ئادەتتە ئىنتايىن ئالدىراش، چۈشلۈك تاماقنى يەيدىغانغا ۋاقتى يوق ياكى يەيدىغان مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق كەچلىك تاماقنى ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن «ئۈچ يۇقىرى» مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. ھالبۇكى «ئۈچ يۇقىرى» مەسىلىسى يەنە يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.
5. ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى
ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ يېڭىلىنىش ۋەزىپىسى كېچىدە ئورگانىزىمنىڭ ئارام ئېلىش ھالىتىدە يۈرگۈزۈلۈشكە ئورۇنلاشقان. تاماقنى بەك كەچ يېگەنلەرنىڭ ئاشقازىنىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كەچلىك ئىسمىنا ئىشلەيدۇ. ئاشقازاننىڭ چارچىغان ھالىتىگە قېرىغان شىللىق پەردىلەر يېڭىلىنىشى ئۈلگۈرمىسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا ئاشقازان كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ!
6. ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش
ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت كەچلىك تاماق يېمىگەندە يېمەكلىكنىڭ غىدىقلىشى بولمايدۇ. غەيرىي ھەزىم قىلىش مەزگىلىدە ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسى ئىچىدە ئۇزاق مەزگىل يىغىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى قويۇقلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.
7. ئاشقازان راكى
ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، دائىم كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش ۋە كەچلىك تاماقنى بەك كېچىكىپ يېيىش، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا ئاشقازان راكىنىڭ خەۋىپىنى پەيدا قىلىدىكەن. ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى 30~40 ياشقىچە بولغان ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كېچىلىك تاماق يەيدىغان ئادەتنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە كەچلىك تاماق ۋاقتى قانۇنىيەتسىز بولغانلىرىنىڭ %38.4 نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
8. نېرۋىسى ئاجىزلاش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن نەرسە يېيىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى غىزالانماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىغا بىر مۇنچە نەرسە يېگۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا بالىنىڭ سەمىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئەتىسىدىكى روھىي ھالىتىنىڭ ۋە كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
9. سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش
ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى چىقىرىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا تاماقتىن كېيىنكى 4-5 سائەت بولۇپ، كەچلىك تاماقنى بەك كېچىكىپ يېگەندە ئۇيقۇغا تەسىر قىلىپلا قالماي، ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىپ، سۈيدۈك يولىدا ئاسانلا تاش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كەچلىك تاماقنى يېيىشتىكى ئالتۇن ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يەتتىلەر ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق.
11 خىل كەچلىك تاماقنى يېمىگەن تۈزۈك
كۆپ قىسىم كىشىلەر كەچلىك تاماقنى يېمەي، كەچلىك تاماق ۋاقتىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئاچ قورساقلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇزاق مەزگىل بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشقاندا، ئاشقازاننىڭ ئاچلىق تۈپەيلى قورۇلۇشىنى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ داۋاملىق ئاجرالمسىمۇ يېمەكلىك قۇبۇل قىلىنمىغانلىقى تۈپەيلى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى، ئاسانلا ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك پەيدا بولىدۇ. بىر ۋاقلىق تاماقنى ئاز يېيىش گەرچە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنى ئاز قۇبۇل قىلسىمۇ، بىراق تاماق تېجىگەنگە تايانسا، كۆپلىگەن سۇ تەركىبى ئازىيىپ، ئاسانلا قايتا سېمىرىشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەگەر چۈشلۈكى بەك تويۇنۇپ يېگەن بولسىڭىز، ياكى چۈشتىن كېيىن بىر مۇنچە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولسىڭىز ياكى كەچلىكى ناھايىتى بالدۇر ئۇخلىسىڭىز كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق.
2. كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېيىش
«كەچلىك تاماقنى بىر كاپام ئاز يېيىش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ"دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كەچلىكى ئاشقازىنىڭىزنى ئەركىگە قويۇپ بېرىپ، بەك تويۇنۇپ يېمەڭ. كەچلىك تاماقنى ئانچە مۇنچە يەپ قويسىڭىزلا كۇپايە، بۇ تولۇق تويمىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق قورسىقىڭىزنىڭ ئاچلىقىنى ھېس قىلمىغان دەرىجىدە غىزالىنىڭ دېگەنلىكتۇر.
3. كەچلىك تاماقنى بەك كېچىكىپ يېيىش
بەك كەچ غىزالىنىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى ۋە مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، كەچتە 6-8 گىچە بولغان ۋاقىتتا كەچلىك تاماق يېسە مۇۋاپىق. ئەڭ ياخشىسى سائەت سەككىزدىن كېيىن قالماسلىق كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا پايدىلىق ھەمدە سالامەتلىككىمۇ بېسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئەگەر بەكلا كەچ بولۇپ كەتكەن بولسا، ياكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كەچ ئۇخلاشقا توغرا كېلىپ، ئاچلىقنى ھېس قىلغان بولسا، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن تۇخۇم ئۇمىچى، ئىسسىق كالا سۈتى، ئۇماچ قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.
4. يېگەن يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇش.
كەچلىك تاماقتا بېلىق ۋە گۆشنى بەك كۆپ يېگەندىكى ياغ ۋە ئاقسىل بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن كەچلىك تاماقتا بەزى گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. كۆكتات، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
5. يەللىك يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېيىش
كەچتە يەللىك يېمەكلىكلەر مەسىلەن، پۇرچاق تۈردىكىلەر، كاللەكبەسەي، يېشىل كوكۇس، كۆكمۇچ، بەرەڭگە، تارو، بانان، بولكا، ئاپېلىسىن قاتارلىق مېۋە چېۋىلەر ۋە كىسلىتول قوشۇلغان ئىچىملىكلەر ۋە تاتلىقلارنى بەك كۆپ يېگەندە، ئاسانلا قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال ئۇيقۇغا دەخلى قىلىدۇ.
6. بەك ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
كەچلىكى ساماۋەر شورپىخانىسى، قۇرۇق قازان قورمىسى، بېلىق قورۇمىسى ئاشخانىلىرىدا ھەمىشە ئاز بولمىغان مېھمانلارنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ھالبۇكى، بەك ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەيدە كۆيگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئاسانلا ئاشقازاندىن سۇ يېنىش ياكى قەۋزىيەت، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. بەك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
ھەددىدىن زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا يۈك پەيدا قىلىدۇ. تاتلىقلاردىكى قەنت تەركىبى ئارام ھالىتىدە پارچىلانماي، ياغقا ئايلىنىپ، ئاسانلا سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
8. بەك يېپىشقاق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
يېپىشقاق گۈرۈچ كۇمىلىچى، پرۇژنا قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېپىشقاق قاتتىق يېمەكلىكلەر، قورۇلغان، سۇ تەركىبى ئىنتايىن ئاز قۇرۇق قاتتىق يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازان خىزمىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەسلىدىكى نورمال يۈرۈشىۋاتقان ھەزىم پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاسانلا جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
9. كەچلىك تاماقتا قويۇق شورپا ئىچىشنى ياقتۇرۇش
بەزىلەر كەچلىك تاماقتا شورپا ئىچىشنى ياقتۇرىدۇ، ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈپ تۇرغان شورپا كىشىگە ھوزۇر ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە يېمەكلىك مىقدارىنى ئازايتىدۇ. بىراق ھەرگىزمۇ قويۇق شورپىنى تاللىماڭ، چۈنكى ئۇنى مايغا سېلىشتۇرغاندا ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بەك تۇزلۇق شورپا ئىچمەسلىكى كېرەك، يەللىك بوغۇم ئاغرىقلىرى بىمارلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شورپىسى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك.
10. كەچلىك تاماقتا ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىش
ھاراق ئىچىپ ياخشى ئۇخلاش پەقەتلا بىر قىياس خالاس، ئۇزاق مەزگىل ھارا ئىچىشنىڭ ئۆزى ئۇيقۇنىڭ قانۇنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئىسپىرىتنىڭ كىشىلەرگە بولغان تۇنجى تەسىرى ئۇيقۇنى كەلتۈرۈش، شۇنىڭدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى يېرىم كېچىدە ئىسپىرتنىڭ تەسىرى ئاستا-ئاستا يوقىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كۆپ ئويغىنىشنى پەيدا قىلىپ، ھەمىشە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
11. كەچلىك تاماققا پەقەت مېۋىلا يېيىش.
كۆپلىگەن ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر مېۋە-چېۋىنى كەچلىك تاماقنىڭ ئورنىدا يېيىشنى ئادەت قىلىدۇ. مەسىلەن پەقەت ئالما، تاۋۇز ياكى مېۋە سالاتلىرى قاتارلىقلار. بىراق ئەمەلىيەتتە بەزى مېۋىلەرنىڭ قەنت مىقدارى ئويلىغىنىمىزدەك تۆۋەن بولمايدۇ. مەسىلەن: كەچلىك تاماقتا يېرىم تاۋۇزنى يېگەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئۈچ قاچا گۈرۈچ ئېشىنى يېگەنگە باراۋەر. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك ئۈچ ۋاق غىزاسىنىڭ نىسبىتى 3:4:3 بولۇپ، كەچلىك غىزا %30 نى ئىگەللەيدۇ، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل مېۋە-چېۋىنى كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىسىتىمال قىلغاندا ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەچلىك تاماقتا پەقەت مېۋە-چېۋە يەيدىغان قىزلار چېچىنىڭ بەك كۆپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى، تېرىسىنىڭ بوشاپ، ئاسانلا ئىششىۋاتقانلىقىنى، چىرايىنىڭمۇ خۇنۇكلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.