بۇ ھەپتىدە كۈمۈش باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى چوڭ ۋەقە

mukaram 2017-11-06 15:44:51


بىرىنچى كۈمۈش تورى 11-ئاينىڭ 6- كۈنى خەۋىرى ئالدىنقى جۈمە ( 11- ئاينىڭ 3 -كۈنى ) كەچتە غەيرى يىزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئىلدن قىلىندى ، كۈمۈش باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ، بىراق كىيىن ئىللدن قىلىنغان ISM سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ ، كۈمۈش باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كىيىن يەنە كىچىك دائىرىدە تەۋرىنىپ 16.83 دوللار ئەتراپىغا چىقتى ھەمدە ئۆرلەش نىسبىتى %0.1 بولدى .

ئالدىنقى ھەپتە ھەقىقەتەنمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھەپتىلىك بولدى ، ئۇچۇرلار پارتلاش خارەكتىرلىك زەربە بەردى ، كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ شىددەت بىلەن چۈشتى . بۇ ھەپتە يەنە ئىككى چوڭ ئىش بازارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ترامىپنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى تۇنجى زىيارىتى
ترامىپ 11- ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ . ترامىپنىڭ بۇ قىتىمقى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىككى چوڭ ئىشى بىرى چاۋشىيەن مەسىلىسى ، يەنە بىرى ئىقتىساد - سودىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە نامايان قىلىش ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش .


\

ئامېرىكا زوڭتۇڭى ترامىپ

ئامېرىكا نېفىت باھاسى تور پونكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ترامىپ ھۆكىمىتى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى بىلەن قىممىتى 7 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن . بۇ ئېنېرگىيە تۈرى ئۇزۇنلۇقى 700 مىل نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ۋە بىر ماي زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى يەنە مەۋجۇت بولغان ماي زاۋۇتىنى كىڭەيتىدىكەن . ئەگەر بۇ كىلىشىمنامە ھاسىل قىلىنسا بۇ يېڭى قارا بوران تېكساس شتاتى ۋە ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرىنى مىڭلىغان يىڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ، بۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى بىسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن .

نيۇيورىك بىرلەشمە ساقلاش رەئىسىنىڭ پېنسىيىگە چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىنىشى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلگۈچىنىڭ دېيىشىچە ، نيۇ - يورك فېدېراتسىيە كومىتىتى رەئىسى دۇ دېفۇ ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ ھەپتە 11- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە ) پېنسىيەگە چىقىرىش پىلانىنى ئىلان قىلىدىكەن . بېيجىڭ ۋاقتى سەيشەنبە ( 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ) سەھەر سائەت 01:10 دە دۇ دېفۇ نيۇ - يورك ئىقتىسادىي كۇلۇبى چۈشلۈك تاماق يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا ئىستىپا بەرگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىلان قىلىدىكەن .


\

نيۇ - يورك فېدېراتسىيە كومىتىتى رەئىسى دۇ دېفۇ


ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە دۇ دېفۇ 2009 - يىلىدىن باشلاپ نيۇ - يورك فېدېراتسىيە زاپىسىنىڭ رەھبىرى بولغان ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019 -يىلى 1- ئايدا ئاخىرلىشىدۇ . دۇ دېفۇ ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بىرلىكتە تۈزگەن ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن « تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك » ئۈچ ئادەمنىڭ سىياسىتى مەيدانىدا ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ .

بۈگۈن كۈن ئىچىدە يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنىدۇ .ئىلان قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە : 17:00 ياۋرو رايونى 10 - ئايدا مۇلازىمەت كەسپى PMI ئاخىرقى قىممىتى ؛ 17:30 ياۋرو رايونى 11 - ئايدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ؛ 18:00 ياۋرو رايونى 9 - ئايلىق PPI ئايلىق نىسبىتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتە سەھەر 01:10 دە نيۇ - يورك فېدېراتسىيە كومىتىتى رەئىسى دۇدېفۇ نيۇ - يورك ئىقتىسادىي كۇلۇبى چۈشلۈك تاماق يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.