ئالتۇن باھاسى 1260دوللاردىن چۈشۈپ كېتەلەمدۇ؟

zumrat 2017-11-06 17:18:41

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى 261 مىڭ ، شۇ ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن % 4.3 دىكى سەۋىيىگە چۈشكەن، ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 12 - ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى داۋاملىق ئۆرلىشى بىلەن، ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا پاي چېكى باھاسى ئۆرلىدى، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى، ئالتۇن باھاسى يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 7ھەپتە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن.

باش شىتابى سىنگاپوردا بولغان Central نىڭ باش دىرېكتورى برايىن • لەن (Brian Lan)كۆرسەتمىسىدە، ھازىرقى ۋاقىتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار، بۇ ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر ھەپتىلىك گىرافىك ھالىتىدىن قارىغاندا يەنىلا چۈشۈش بوشلۇقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش نۇقتىسى 1262دوللار دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىشى ئېنىقسىز بولىشى، ياۋرو رايونىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى 10%يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئارقىدىن ئامېرىكا ۋە چاۋشيەننىڭ سىياسىي جىددىي ۋەزىيىتىنى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن، جۇڭگونىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا ئالتۇن سېتىۋېلىش مىقدارى شىددەت بىلەن16% ئېشىپ، ئالتۇن ئېھتىياجى كۆپەيگەن.

تەھلىلچىنىڭ كۆرسەتمىسىدە: نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىلا چۈشۈش خەۋپ-خەتىرى بار، تەۋرىنىش دائىرىسى 1306دوللاردىن 1260دوللار ئارىلىقىدا بولىشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1260دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ساقلاپ قالالمىسا 1250دوللار ئەتراپىغىچە چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.