كۈمۈش بازىرى بىر مەيدان زور «يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەر»نى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن

parida 2017-09-19 17:39:16

\

كۈمۈش بازىرى ئۇزۇندىن بېرى نىسبەتەن تۇراقلىق بولۇپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى «چاقماق تېزلىكىدە غۇلاش»تىن باشقا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى. ھەر قېتىم جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت خەۋپ-خەتىرى كۈچەيگەن پەيتتە، مەبلەغ سالغۇچىلار دائىم دىگۈدەك ئالتۇن باھاسىغىلا كۆڭۈل بۆلدى، كۈمۈشكە بولغان قىزغىنلىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولدى. دۇنيا بويىچە 1-چوڭ كۈمۈش ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت مېكسىكا ئېھتىمال يېقىن مەزگىلدە تەدبىر قوللىنىپ، كۈمۈش بازىرىدا بىر مەيدان بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈشى مۇمكىن.
يېقىنقى مەزگىلدە مېكسىكا «Silver Libertad Coin» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر خىل كۈمۈش تەڭگىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، پارلامېنت نۆۋەتتە بۇخىل يېڭى كۈمۈش تەڭگىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋىتىپتۇ. بۇخىل يېڭى كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا پۇل قىممىتى تۇراقسىز بولۇپ، كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىدىكەن. مېكسىكا مەركىزىي بانكىسى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىغا قارىتا كۈمۈش تەڭگىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەيدىكەن، ئەمما تەڭگىنىڭ قىممىتى كۈمۈش بازىرىدىكى باھادىن يۇقىرى بولىدىكەن. قىممەتلىك مېتاللار تەتقىقات تورى Plata نىڭ تەھلىلچىسى Guillermo Barba نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر مەزكۇر لايىھە ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، كۈمۈشكە بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مېكسىكىنىڭ ئىقتىسادىغا ھەمدە ئائىلە پۇل ئامانىتى ئۇسۇلىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.