ئۈرۈمچى شەھىرىدە پات ئارىدا يانفون ئارقىلىق ئاممىۋى قاتناش ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ

parida 2017-09-19 17:48:16

\

شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا يانفون ئارقىلىق قاتناش ھەققى تاپشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يىل يىل ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى «يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەش» كە نىسبەتەن سىناق نۇقتىدا تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئاممىۋى قاتناش سەپىرى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 18–سېنتەبىر باشلاندى. مۇخبىرنىڭ پائالىيەتتىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئاممىۋى قاتناش سېستىمىسىدىمۇ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاممىۋى قاتناش بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋېتىپتۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يىل ئاخىرىدا «يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەش» سىناق نوقتىسىنى يولغا قويۇشتىن باشقا، كېلەر يىلى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېكەت مەلۇم قىلىش ئەپ دېتالى يولغا قويۇلىدىكەن، بۇنىڭدا شەھەر ئاھالىلىرى يانفونى ئارقىلىق ھەربىر ئاپتوبۇسنىڭ بېكەتكە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىش ۋاقتىنى بەلگىلىسە بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.