Oilprice: ماي باھاسى يەنىلا يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ

parida 2017-09-19 17:14:06

\

ئىنېرگىيە ئېھتىياجى ئاشقانلىقى ھەمدە پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا بىر قىسىم ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، ماي باھاسى يەنىلا نەچچە ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ. غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى 50 دوللار ئەتراپىدا، برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 55 دوللار يەنى 2017-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ماي باھاسىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى ھەمدە ئامېرىكا سلانېتس مېيى بازىرىنىڭ كېيىنكى ئىپادىسى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت رادىئو شىركىتى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى (CNBC)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى ھەر قېتىمدا 50 دوللاردىن ئۆسكەندە دائىم دىگۈدەك تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرايدىكەن. ئىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى 2014-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 18 قېتىم ئۆسۈپ 50 دوللارلىق ئۆتكەلدىن ھالقىغان، ئەمما 2-ھەپتىسى باھانىڭ ئۆسۈشتىن چۈشۈشكە بۇرۇلۇش نىسبىتى %75 بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.