ئالتۇن باھاسى ھەپتىلىك سىزىق جەھەتتە 3 ھەپتىدىن بۇيانقى تۇنجى ئۆسۈشىنى كۆرسەتتى

patigul 2017-07-14 11:48:24

\


ئالتۇن باھاسى جۈمە(7-ئاينىڭ14-كۈنى)ئاسىيا بازىرىدا تەۋرىنىشى ئانچە زور بولمىدى. چارشەنبە كۈنى ئۇدا 3كۈن ئۆسۈش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى، ھەپتىلىك سىزىق جەھەتتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا 3ھەپتىدىن بۇيان دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى يېللىن پەيشەنبە كۈنى پارلامېنتتا سۆزلىگەن نۇتىقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:« تىرامپنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى%3 ئەمەلىيلەشكەن.»

دۇنيادىكى پاي بازارلىرى جۈمە كۈنى يەنە ئۆسۈشتىكى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان. ئاسىيا بازىرىدا پاي بازىرى ئۇدا 5 كۈن ئۆرلىگەن. بۇ بەلكىم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يەنە ئۆسۈم قوشۇشىدىن دېرەك بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ مۇقىم بولۇشىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار جۈمە كۈنىدىكى ئېلان قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمەكتە.

يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئاز چىققان، بۇ بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ ئاز چىققان ۋاقىت بۇلۇپ ھېسابلانغان. 6-ئايلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىسى ئۆرلەپ، بۇ بەلكىم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ بۇ يىل 3- قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشىغا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بۇلۇشى مۇمكىن.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.