پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» سېگنالى چىقىرىلدى

parida 2017-07-14 11:47:05

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىككى پارچە مۇھىم سانلىق مەلۇماتقا يەنى CPI ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى، پۇل-مۇئامىلە بازىرىمۇ «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» سېگنالى چىقاردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن چارشەنبە كۈنى كۈتۈلمىگەندە «يۇمشاق قول» ئىپادىسىنى بىلدۈرگەچكە، بازارنىڭ دىققىتى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ CPI سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى، ئۇنىڭدىن باشقا پارچە سېتىش دوكلاتىنىڭ «قورقۇنچلۇق سانلىق مەلۇمات» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، پارچە سېتىش دوكلاتى ھەرقېتىم بازاردا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ياخشى بولمىسا، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە بېسىم چۈشۈرىدۇ، نەتىجىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ. بۇ ئىككى پارچە دوكلات بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.