ئامېرىكا دوللىرى تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن

parida 2017-07-14 15:46:21

\

2.FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئامېرىكا ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئىشسىزلىق ۋە PPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئاز نىسبەتتە ئۆرلەپ، 96 نۇقتىلىق ئۆتكەلگە يېقىنلاشقان ئىدى، نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان CPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ سىنىقىنى كۈتۈۋاتىدۇ. بازار سودىسى نىسبەتەن تىنىچ بولۇۋاتقان پەيتتە، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقىDraghi نىڭ دوكلاتى بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى. «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، Draghi 8-ئايلىق Jackson hole يىغىنىغا يەنە قاتنىشىشنى ھەمدە سۆز قىلىشنى پىلانلىدى، 2014-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا Draghi مۇۋاپىق مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا Draghi ئېھتىمال 9-ئايدا مۇۋاپىق مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى بارا-بارا ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، بۇ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى يىغىن بىلەن قارىمۇقارشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى سانى 2 مىليۇن 470 مىڭ بولۇپ، ئەسلىدە 2 مىليۇن 450 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يەنە بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق ئاڭ ئاخىرقى ئېھتىياجى ئىشلەپچىقارغۇچى مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان، 5-ئايدا نورمال بولغان؛ ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياج (PPI) كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.0 ئاشقان. سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆسۈشكە باشلىدى ھەمدە بۈگۈنكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا 95.91 غا چىقتى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باشقا پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە كانادا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 13 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، شۇڭا كانادا مەركىزىي بانكىسى 2010-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈردى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.