گېرمانىيە بانكىسى ئالتۇن بىر ئاي ئىچىدە ئۆسىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى

gulbostan 2017-04-28 12:54:10

گېرمانىيە سودا بانكىسى قىسقا سىزىقتا "1-3 ھەپتىگىچە" ئالتۇن باھاسى 200 كۈنلۈك "1252.70" ۋە 55 كۈنلۈك "1247.29" ئوتتۇرچە سىزىققا قايتىپ كېلىدۇ. كۈمۈش تىرەش سىزىقى 17.39 غا يېقىنلىشىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى ئۆسىدۇ، لىكىن يەنىلا ئوتتۇراھال رايوندا تۇرىدۇ. پاللادىي يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتا 816.68 نىڭ ئاستىنى ساقلايدۇ. پىلاتىنا يەنىلا 55 كۈنلۈك "980.67" ۋە 200 كۈنلۈك "999.77" ئوتتۇرچە سىزىقنى ئاستىدا تۇرىدۇ، دەپ قارىغان.

ئالتۇن

ئالتۇن باھاسى 200 كۈنلۈك "1252.70" ۋە 55 كۈنلۈك "1247.29" ئوتتۇرچە سىزىققا قايتىپ كېلىدۇ.


\

يېقىنقى مەزگىللىك نىشان نۇقتىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. ئىلگىرى ئالتۇن ئالتە يىللىق تۆۋەنگە چۈشۈش يۈزلىنىش سىزىقى "1287" نى سىناپ، قارشىلىققا ئۇچراپ قايتىپ، سىناق مەغلۇپ بولغان.

\

بازار نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ 200 كۈنلۈك "1252.70" ۋە 55 كۈنلۈك "1247.29" ئوتتۇرچە سىزىققا قايتىپ كېلىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. لىكىن تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىلدە بۇ ئىككى سىزىقتىن ئازراق يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.

گېرمانىيە بانكىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كۆز قارشى كۆپ ئېغىپ كەتكەن. لىكىن بۇنى 1287- بۇ ئالتە يىللىق ئۇزۇن مەزگىللىك چۈشۈش يۈزلىنىشى سىزىقىنى بۆسۈش ئۆتۈشنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.



\


كۈمۈش تىرەش سىزىقى 17.39 غا يېقىنلىشىدۇ.

\


يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالدىن نەزەر سېلىش كۆپ ئېغىپ كەتكەن. كۈمۈشنىڭ قايتىشى بەش ئايلىق تىرەش سىزىقى "17.39" ۋە ئالدىنقى يىلى 12-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتا 17.27 دە توختايدۇ.


\

ئۇزۇن مەزگىللىك ئالدى نەزەر سېلىش كۆپ ئېغىپ كەتكەن: ھەپتىلىك سىزىقتا كۈمۈش 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىق ئۈستى ""17.88 دە يېپىلىدۇ.


\



\


ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى

ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى ئۆسىدۇ، لىكىن ئوتتۇراھال ھال رايوندا تۇرىدۇ.

يېقىنقى مەزگىلدىن قارىغاندا ئوتتۇراھال. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈمۈش 67.12\12 دە بىرقەدەر كۈچلۈك تىرەشكە ئىگە، بۇ يۇقىرى نۇقتىغا ئالدىنقى يىلى 9-ئاي ۋە 11-ئايدا يەتكەن.

\

ئۇزۇن مەزگىللىك يۈزلىنىش 891\886 نىڭ ئۈستىدە ساقلىنىدۇ، يېقىنقى مەزگىللىك يۇقىرى نۇقتا 1050.51 بولىدۇ.


ئۇزۇن سىزىق كۆز قارشى ئازراق ئېغىپ كەتكەن: 65.61 لىك نۇقتىنى سىناشتىن ئىلگىرى، 67.12 ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى 7-ئايدىكى تۆۋەن نۇقتا 65.61 بولسا 2011-يىلىدىكى 63.54 دىن 2014-يىلىدىكى تۆۋەن نۇقتا 62.20 گىچە %38.2 لىك قايتىش ئورنىغا ئىگە. ناۋادا 57.5 نى سىنىغاندىن كېيىن داۋاملىق چۈشۈپ كەتسە، %50 لىك قايتىشنى ئالدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

\



پاللادىي

يېقىنقى مەزگىللىك ئالدىن نەزەر سېلىش ئېغىپ كەتكەن. پاللادىي يېقىنقى مەزگىلدە 814 لىك نىشان نۇقتىغا يەتتى، ھەم ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈشنىڭ %78.6 نى قايتۇردى. 824.10 نۇقتا ئەتىراپىدا 2016-2017-يىلى قارشىلىق سىزىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئوخشاشلا كۈنلۈك سىزىق ۋە ھەپتىلىك سىزىقتا RSI نىڭ ئۈچ قېتىملىق ئايرىلىشى پەيدا بولغان. 3-ئايدىكى تۆۋەن نۇقتا 742.9، ناۋادا تۆۋەن نۇقتا بۇزۇۋېتىلسە، ئاستى تەرەپتىكى 13.06 لىك نۇقتا 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە تىرەش نۇقتىسى بولىدۇ.


\

ئۇزۇن مەزگىللىك ئالدىن نەزەر سېلىش ئوتتۇراھال. ئۇزۇن سىزىقتىن بىز بېسىم نۇقتىسىنىڭ 816.68 دە، ئىككىنچى بېسىم نۇقتىسىنىڭ 833.65 دە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز، ناۋادا بەرداشلىق بېرەلمىسە، بۇ ئۆسۈش 2014-يىلى 9-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتا 911.81 نى سىنايدۇ.



\
\



پىلاتىنا

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۈزلىنىشى ئېغىپ كەتكەن. پىلاتىنانىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ھالقىلىق نۇقتىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنىلا 927.49. بۇ نۇقتا %78.6 لىك قايتىش ئورنىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، بۇ چۈشۈش يۈزلىنىشىنىڭ تېزلا ئاياقلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى ئورۇندا، پىلاتىنا يەنىلا 999.77 لىك نۇقتا ئەتىراپىدىكى 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتا بېسىمغا ئۇچرايدۇ، نۆۋەتتە ئۆسۈشنىڭ ئېنىرگىيەسى يېتەرلىك ئەمەس. ناۋادا بېسىم نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە، كېيىنكى بېسىم نۇقتا 1050.51 بولىدۇ، بۇ 2-ئايلىق يۇقىرى نۇقتا.\

\

\


ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.