مەركىزى بانكىلار ئېلان قىلغان ئالتۇن زاپىسى سانى راسىتمۇ؟

gulbostan 2017-04-28 13:09:35

\



مەركىزى بانكىلار ئېلان قىلغان ئالتۇن زاپىسى سانى راسىتمۇ؟

شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى ئالتۇن زاپىسىنىڭ سىرى



مەركىزى بانكا ئېلان قىلغان ئالتۇن زاپىسى سانى زادى راسىتمۇ ياكى يالغانمۇ؟ ياۋروپا خەلقىنىڭ گۇمانى بارغانسىرى چوڭىيىۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى بانكىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىمالىي ياۋروپادىكى باي دۆلەت شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن زاپسىى دۇنيادا 28 ئورۇندا تۇرىدۇ. 2013-يىلى10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى ئالتۇن زاپىسى سانلىق-مەلۇماتىنى تەپسىلىي ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتۇن زاپىسى جەمئىي 125.7 توننا بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 61.4 توننا ئالتۇن ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىدا ساقلانغان، 15.1 توننا ئالتۇن شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىدا ساقلانغان، 13.2 توننا ئالتۇن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىدا ساقلانغان، 2.8 توننائ ئالتۇن شىۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىدا ساقلانغان ۋە 33.2 توننا ئالتۇن كانادا مەركىزى بانكىسىدا ساقلانغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا شىۋىتسىيەنىڭ ئالتۇن زاپىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى چەتئەلدە.

شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى يېرىمغا يېقىن ئالتۇن زاپىسنى ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىغا ئامانەت قويغان.

تۆتتىن بىر قىسىم ئالتۇن زاپىسىنى كانادا مەركىزى بانكىسىغا ئامانەت قويغان. لىكىن بۇ ئالتۇنلار كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئوتتاۋادىكى ئالتۇن ئىسكىلاتىدا ئەمەس.

كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن ئىسكىلاتى رېمونىت قىلىنىۋاتقانلىقتىن، شىۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى، گوللاندىيە مەركىزى بانكىسى ۋە بېلگىيە مەركىزى بانكىسى كانادا مەركىزى بانكىسى ئۈچۈن ئالتۇننى ۋاكالىتەن ساقلاۋاتىدۇ. كانادا مەركىزى بانكىسى بۇ يىل رېمونىت قىلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئالتۇننى ئاندىن ئوتتاۋادىكى كانادا خان جەمەتى ئالتۇن ئىسكىلاتىغا قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

\

شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى 10% ئالتۇن زاپىسىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىغا ئامانەت قويغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بىلەن باشقا مەركىزى بانكىنىڭ ئالتۇننى ساقلاپ باشقۇرىشى ئوخشاش، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى نىيويورك فېدېراتسىيە تارماق بانكىسىنىڭ ئالتۇن ئىسكىلاتىدا شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 13.2 توننا ئالتۇنى ساقلىنىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى يەنە %2 ئالتۇن زاپىسىنى شىۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىغا ئامانەت قويغان، بۇ ئالتۇنلار شىۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىنى بېرنى باش شىتاب بىناسى Bundesplatz نىڭ يەرئاستى ئالتۇن ئىسكىلاتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

ئەمىلىيەتتە، شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى ئۆزى پەقەت %12 ساقلىغان، جەمئىي 15.1 توننا كېلىدۇ. لىكىن چۈشىنىش تەس بولغىنى، شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى فىنلاندىيە مەركىزى بانكىسىغا 9.8 توننا ئالتۇن زاپىسى ئامانەت قويغان.

شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئورگان تورىدا جەمئىي 12.5 توننا ئالتۇن زاپىسى تەخمىنەن 10 مىڭ تال كېسەك ئالتۇنغا باراۋەر، دېيىلگەن. مەركىزى بانكىنىڭ دائىملىق زاپاس قائىدىسى بويىچە، بىر توننا ئالتۇن زاپىسى 80 تال كېسەك ئالتۇندىن تۈزۈلىدۇ.

بۇ كېسەك ئالتۇنلار ئادەتتە ھەربىر 400 ئۇنسىيە "12.5 كىلوگرام". شۇڭا 125.7 توننا تەخمىنەن 10056 تال كېسەك ئالتۇنغا تەڭ، بۇ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ تال كېسەك ئالتۇنغا باراۋەر دېگەن كۆز قارشىنى ئىسپاتلىغان.

لىكىن، بۇ 10 مىڭ تال كېسەك ئالتۇننىڭ راستىنلا مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا شىۋىتسىيە تاراتقۇلىرى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمىلىيەتتە، 2009-يىلى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەردى، شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى ئالتۇننى ئىشلىتىپ دوللارغا ئالماشتۇردى. شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى بايلىق باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسى Göran Robertsson تاراتقۇدا بۇنى ئىتراپ قىلغان، 2008-2009-يىلى، ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىدا ساقلانغان 50 توننا ئالتۇن دوللارغا ئالماشتۇرۇلغان.

2011-يىلى دۇنيا ئالتۇن جەمىيىتى دوكىلاتىدىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان.

Göran Robertsson تەكىتلەپ، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن كېيىن، شىۋىتسىيە"ئالتۇن زاپىسى سانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى"، بۇ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ چوقۇم ئاللىقاچان 50توننا ئالتۇننى قايتۇرىۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى قايتۇرىۋالغان ئالتۇننىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى ئاشۇ 50 توننا ئالتۇن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمىدى، دېگەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.