لىۋىيەنىڭ ئىككى نېفىتلىكى ئىشقا كىرىشتى، نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى

gulbostan 2017-04-28 12:22:24

\


كۆپلىگەن تاراتقۇلار لىۋىيەنىڭ ئىككى چوڭ نېفىتلىكى قايتىدىن ئىشقا كىرىشنى قوزغاتتى، بۇنىڭدىن سىرت لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچقىرىش مىقدارى نۆۋەتتىكى كۈنلۈكى 491 مىڭ باكلىق سەۋىيەدىن تەدىرجىي ئېشىشقا تەييارلاندى، دەپ خەۋەر قىلدى، خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خام نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى، چۈشۈش نىسبىتى نۆۋەتتە %2 تىن ئاشتى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك Sharara قايتا ئېچىلىدىكەن، خام نېفىت نېفىت يەتكۈزۈش تۇربىسى ئارقىلىق زاۋىيە نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلىدىكەن، مۆلچەردە شۇ جاي ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى كەچتە دازاۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىكەن. لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا پەيشەنبە كۈنى پارىژدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنلۈكى 491 مىڭ باك، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەكىسچە ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە بۇ دۆلەتنىڭ خام نېفتى كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرچە 420-460 مىڭ باك ئىدى.

بۇ خام نېاىت بازىرىنى تەۋرەتتى. كېچىدىن ئۆتكەن EIA ئىسكىلات زاپىسى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى 3.60 مىليون باك ئازلىغان، ئەمما بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن نېفىت زاپىسى جەمئىي تەخمىنەن 6 مىليون باك ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، EIA سانلىق مەلۇماتىدا يەنە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ نېفىت ساپ ئېمپورت مىقدارىنىڭ كۈنلۈك 515 مىڭ باك ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن، كۆپ قىسىم ئېشىش مىقدارى ئوپىك دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلغان نېفىت مىقدارى تاق ھەپتىدە كۈنلۈكى 10 مىڭ باك ئاشقان، كۈۋەيىت ۋە ئىراقتىن ئېمپورت قىلغان مىقدارمۇ ئاسقان، بۇ بازارنى ئوپېكنىڭ ئىلشەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىدىن گۇمانلاندۇرغان.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.