سىياسەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ئالتۇن باھاسىغا تىرەك بولىدۇ

gulbostan 2017-02-09 17:31:08

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ياۋرۇپا چوڭ سايلىمى ۋە تىرامپنىڭ سىياسىتىدا مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بازارنىڭ ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئېھتىياجى ئاشقان. بۇنىڭ تەسىرىدە، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا بولغان.
نەق مال ئالتۇن %0.1 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1240.46 دوللار بولغان. پەيشەنبە كۈنى بۇ باھا بىر قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا بولغان 1244 دوللار بولغان.
ئامېرىكا ئالتۇن قەرەللىك مېلى %0.2 ئۆرلەپ، 1242 دوللار بولغان.
مۇھاجىرلار بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى Barnabas Gan نىڭ بىلدۈرىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە، ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىش ھاسىل قىلىدىكەن.
ئۇ:«ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ، مەسىلەن تىرامپ، ياۋرۇپانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە تېخى ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولمىغان. ھەمدە بۇ خىل ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىز بازارنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىگەندە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
رېتىر ئاگىنتلىقىنڭ تەھلىلچىسى ۋاڭ تاۋنىڭ بىلدۈرىشىچە، نەق مال ئالتۇن ھەر ئۇنسىيەسى 1237 دوللارلىق توسقۇنلۇق ئورنىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، بەلكىم يەنە بىر قېتىم ئۆرلەپ، 1249 دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە يىقىندىكى تىرامپنىڭ 7 دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكا چىگرىسىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇشى ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
OANDA نىڭ بازار ئاچقۇچى خادىمى Jeffrey Halley نىڭ بىلدۈرىشىچە:« ئامېرىكىنڭ بۇ يىللىق ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ۋە يەرلىك سىياسەت قاتارلىقلار ئالتۇن باھاسىنىڭ تىرىكى بولالايدۇ».
ئۇ يەنە :«ئوكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى، گىرىتسىيە ئىقتىسادىغا بولغان ياردەم، فىرانسىيە چوڭ سايلىمى، ئىران ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي كۈچنى نامايەن قىلىشى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىخەتەر كاپىتال مەبلىغىگە يۆتكەشكە جەلپ قىلىدۇ . ئاساسلىق بولغان بىخەتەر كاپىتال دەل ئالتۇن.» دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.