ئالتۇننىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەر

rabigul 2017-02-09 17:30:12

\

ئومۇمەن ئېيتقاندا , ئالتۇن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولغاندىلا ئاندىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، بىراق چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پاي چېكى ئۆرلەپ تارىختىكى يېڭى نۇقتىنى ياراتقان بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ ئالتۇن باھاسى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيىنى ياراتتى، ھەم بىراقلا 1240 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى.ئۇنداقتا زادى نىمە سەۋەپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن سودىسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغىدى؟ ئاددىي قىلىپ ئيېتقاندا، بۈگۈنگە قەدەر پۈتۈن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئىنىقسىزلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىق ھەم سودا ئىتىپاقداشلىرىنىڭ توختىماي زەربە بېرىشى يىڭى يىلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقىتىۋەتتى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا نارودنىكلىق ھەرىكىتىنىڭ يامراپ كېتىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى پۈتۈن دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ قايتا تەۋرىنىپ كېتىش ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قۇيدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتنىى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا مەركىزى بانكىلار بۇرۇنقى نىسپىي جانلاندۇرۇش پۇل سىياسىتىنى ساقلاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار بازاردىكى پۇل پاخالىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا قارتا تەشۋىشلىنىشنى بىلدۈردى.
ئەمما ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باشقا پۇللارنىڭ قىممىتى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۆزلۈكسىز ئاشتى، ھەم 2017 -يىلى ئالتۇن باھاسى %7 ئۆرلىدى.
ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش شىركىتىUS Global Investor نىڭ ئىجرائىي باش دىرېكتور فورموس مۇنداق دەپ قارىدى، «مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەگەر تىرامپنىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى پىلانى راستىنلا ئىجرا قىلىنسا، جۇڭگو قاتارلىق چوڭ سودا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە چوقۇم زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇ چاغدا ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارنىڭ باھاسى ئۆسۈشى مۇمكىن، شۇ سەۋەپتىن بولغان پۇل پاخاللىقى ئېشىپ ، ئامېرىكا ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى ئەڭ ئاخىرىدا مەنپىي ئارىلىققا چۈشۈپ قالىدۇ، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولدىكى ئالتۇننى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى بىر ئاقىلانىلىك.» دىدى
بۇنىڭدىن تاشقىرى , ياۋروپا رايونىدا نارودنىكلىق ھەرىكىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بازارنىڭ خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلدى. ئەگەر فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا رىن لىپىن راستىنلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرسا،«تىرامپنىڭ ئايال نۇسخىسى» بولوپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم تېخىمۇ پارچىلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ياۋرۇپا رايونىدىن چېكىنىپ، تەتۈر دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيا ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇنداق قالايمىقان ۋەزىيەتتە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى خۇددى ھەسەن- ھۈسەننىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندەكلا بىر ئىش. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە،«2017 -يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالتۇن باھاسى ناھايىتى ئاسانلا 1320 دوللارغا ئۆسۈپ، ئۆتكەن يىلى6 -ئايدىكى ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرۇپا رايونىدىن چېكىنىپ چىققان ۋاقىتنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى قىممەتكە يېتىشى مۇمكىن.»دىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.