2 - ئايدا ئالتۇن - كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قوللايدىغان ئىككى چوڭ سەۋەب

rabigul 2017-02-09 16:51:31

\

2-ئاينىڭ 7-كۈنى فۇسىتوڭ (INTL FCStone) دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارايدۇ، نۆۋەتتە ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسىنى يەنىلا ئۆرلەيدۇ، ھەم 2-ئايدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، بۇنداق دەپ قاراشتا ئاساسلىقى ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار بار؛ ئۇنىڭ بىرى دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشى، يەنە بىرى ئىران بىلەن ئۇكرائىنا ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك سىياسەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى.

فۇسىتوڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئىراق جىددىي ۋەزىيىتى كۈچىيىپ، بۇندىن ئىلگىرى ئىران باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق ئوقى قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تىرامىپ ھۆكۈمىتى شۇ دۆلەتكە قارىتا يېڭى جازالاشنى يولغا قويدى، بۇ ئەھۋال ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئورگان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، فرانسىيە بۇ يىل 4-5-ئايلاردا چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى نامزاتى فىئون(Fran?ois Fillon) نى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئوڭ قانات پارتىيە " مىللىي سەپ" رەھبىرى رىنلېپاڭ(Marine LePen) ئۈچۈن يول ئېچىلدى. كېيىنكىسى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى ئېلان قىلىندى، لېكىن رىنلېپاڭ سايلانغان ھامان، فرانسىيىنىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسى (EU) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) دىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، نەق ئالتۇن باھاسى 1233 دوللار ئەتىراپىدا مۇقىم تەۋرەندى، بۇ ھەپتە 1235 دوللار ئەتىراپىغا چىقىپ 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. بۇ يىل ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن %7، كۈمۈش باھاسى تەخمىنەن %11 ئۆرلىدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ, ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.