ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى

zumrat 2016-11-16 17:24:26

\


چارشەنبە (11-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا، ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئۈچ كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 1233.2دوللار ئەتراپىغا چىققان. ئاخشام ئېلان قىلغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ياخشى چىققان بولسىمۇ، ئالتۇن باھاسىغا كۆرىنەرلىك بېسىم ئېلىپ كېلەلمىدى.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، بازارنىڭ مۆلچەرىدە، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى ئېشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ1200دوللار ئەتراپىغا چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، بىراق بەزى تەھلىلچىلەر بۇ خىل كۆز قاراش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. پۇل پاخاللىقى ئالتۇنغا پايدىسىز بولىشىدىكى سەۋەب ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا يېشىل چىراغ ياندۇرۇپ بېرىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇپ قالسا ، ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار زايوم سېتىۋېلىشقا يۈرۈشىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشسا ئامېرىكا پايدىسى يوق، ئەگەر پۇل پاخاللىقى بەك تېز ئۆرلەپ كەتسە، بۇ ئەھۋالدا ئالتۇن سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ئاسانلىقچە ئۆسۈم قوشۇشنى خالىمايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.