پاختا باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-11-16 17:54:15

\


نيويورك قەرەللىك پاختا باھاسى سەيشەنبە كۈنى ئۇدا ئىككىنچى كۈنلۈك ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى. پايدىسىز بولغان ھاۋارايى ۋە جۇڭگو پاختا زىرائەت ئەندىشىسى جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىش بازىرىنى كۈچەيتتى.

Varner Brokerage رەئىسى Rogers Varner ئىپادە بىلدۈرۈپ، بازار ئەتىگەنلىك بازاردىكى جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىشتىن تىرەشلىككە ئېرىشتى.

ئامېرىكا قەرەللىك تاۋار سودا مەركىزى كومېتىتى ( CFTC) ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇدا ئۈچىنچى ھەپتە قەرەللىك پاختا ئۆسۈش مېلىنى ئازايتتى. قەرەللىك پاختا ئۆسۈش مېلى سانى 1235 قول كېمىيىپ، 75699 قولغىچە بولدى.

فرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسى باش نىيويورك تەھلىلچىسى Gabriel Crivoro نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىن باشقا ، بازار يەنە ئامېرىكا يېغۋېلىش خىزمىتىنىڭ كېچىكىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى دۈشەنبە بازار يېپىلغاندىن كېيىن زىرائەت ئۆسۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنىگىچە، ئامېرىكا پاختا يىغۋېلىش خىزمىتى %61 تاماملىنىپ بولغان، بۇ ئالدىنقى ھەپتىدىكى 56% دىن يۇقىرى بولغان، لېكىن بەش يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت %69 دىن تۆۋەن بولغان. ICE نىڭ 3-ئايلىق قەرەللىك پاختا توختام بازار يېپىلىش باھاسى 1.17 سېنت يۇقىرىلاپ، ھەر قاداق 70.48 سېنت بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.