نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل

zumrat 2016-11-16 16:17:09

\


سەيشەنبەكۈنى ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى ئۆرلىدى،ھەم11-ئاينىڭ2-كۈندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.

ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى نۆۋەتتە45.63دوللار/باك ئەتراپىغا يېقىنلاشتى،سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى46دوللار/باك ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى،ھەمدە46.09دوللار بولۇپ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.نېفىت ئىكىسپورىت قىلغۇچى دۆلەتلەر(OPEC)تەشكىلاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش پىلانىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسەتتى.

OPECنېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش پىلانى11-ئاينىڭ30-كۈندىكى ۋىنادا ئۆتكۈزىلدىغان يىغىندا ئايدىڭلىشىدۇ،نېفىت بازىرى تەشكىلاتنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش دائىرىسىنىڭ3250-3300مىڭ باك ئارىلىقىدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلدى.كىيىنكى دوكلاتدا كۆرسىتىلىشچە،بىر قانچەOPECئەزالىرى قايتىدىن نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمىگە قوشۇلۇش ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئۇتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى يوقاتماقچى بولدى،ئانالىزچى بۇئەھۋالنىڭ سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى ئىلان قىلىنغانAPIنېفىت زاپاس مىقدارى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى،بۇلار ئىچىدەنېفىت زاپاس ماللار رايونىدىكى نېفىت زاپاس مىقدارى ئىشىپ110مىڭ باك بولدى،چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى ئىشىپ300مىڭ باك بولدى،تەبئىي گاز زاپاس مىقدارى ئازلاپ15.5مىڭ باك بولدى.ھەم ئالدىن مۆلچەردىكىدىن 186.7مىڭ باك كەم بولدى،ئالدىن يۇقىرى مۆلچەرلەنگەن سانلىق مەلۇمات يەنە نېفىت باھاسىنىڭ ئۇدا ئۆرلەش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.