ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى يەنىلا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

zumrat 2016-10-19 16:52:54

\

نۆۋەتتە بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، ئالتۇن بازىرى بۇ ئامىلنىڭ تەسىرىدە بېسىمغا ئۇچراپ كەلدى، ئالتۇن باھاسى ئەنگلىيە ياۋروپادىن چېكىنىشىگە قارىتا ئومۇمنىڭ ئاۋاز قويۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلەپ 1300دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، بىراق كېيىنكى ۋاقىتتا ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 8%تۆۋەنلەپ، ئەنگلىيە ياۋروپادىن چېكىنىشتىن بۇرۇنقى باھا ئەتراپىغا چۈشتى. ھازىر بازارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى , ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇل سىياسىتى، بۇ ئۇچۇرلار دوللارغا تىرەك رول كۆرسىتىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 11-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى 62.6%كە يەتكەن. دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇپ ئىقتىسادنى تۇراقلاشتۇرىشى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.