دوللار كۆرسەتكۈچى 7ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ كەتتى

rabigul 2016-10-19 17:07:10

\

سەيشەنبە كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئېلپ باردى، ھەم يۇقىرى نۇقتىسى 97.96 ، تۆۋەن نۇقتىسى 97.61 ئەتىراپىدا بولۇپ، 97.90 ئەتىراپىدا بازار يېپىلدى.

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 9-ئايلىق يادرو CPI سانلىق مەلۇماتى ئۇدا 11 ئاي ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ %2 نىشانىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى؛ لېكىن ئېلان قىلىنغان قىممەت ئالدىنقى قىممەت بىلەن ئوخشاش چىقىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا ئېغىر بولغاچقا، دوللار كۆرسەتكۈچى 7ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى. دوللار ئۇدا ئىككى كۈن تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار پايدا ئالدى، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئۆستۈرمەسلىكىگە قارىتا ئەندىشە قىلدى. دوللار 9-ئاينىڭ ئاخىردىن بۇيان تەخمىنەن%3 ئۆرلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا كۆرسەتكۈچى ۋە زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشىمۇ بىردەك بولدى، چۈنكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرسە، 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى %1.8تىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.