ئالتۇننىڭ ھىندىستان جەمئىيىتىدە ئوينىغان رولى

zumrat 2016-10-19 16:44:03

\

تۆتىنچى ئاينىڭ يامغۇرى 5 - ئاي گۈلىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھىندىستان مۇسسۇن يامغۇرى شۇ جاينىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھىندىستاندا دېھقانلار بۇ دۆلەتنىڭ ئالتۇن ئىستىمالىنىڭ 3 / 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ھىندىستان پات ئارىدا ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەسىلنى كۈتۈۋالىدۇ ، بۇ بىر خوش خەۋەر،چۈنكى كۈچلۈك ھۆل يېغىن يەنە بىر قىتىم كىشىلەرنىڭ قۇرغاقچىلىققا بولغان ئەندىشىسىنى يۇقاتتى.
ھىندىستان ئالتۇن ۋە ئۈنچە - مەرۋايىت جەمئىيىتى، ئالتۇننىڭ نۆۋەتتىكى سودا باھاسى بىر ئاي بۇرۇنلا ئاللىقاچان روشەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆردە تۇتۇپ، قۇبۇل قىلالايدىغان دائىرە1260-1250 دوللىرى / ئۇنسىيە ئارىلىقىدا بۇلۇپ، ھىندىستان ئالتۇن ، ئۈنچە - مەرۋايىت سېتىش مىقدارى مۆلچەرلىنىشىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 60 ئۆستى . ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى پانۇس بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ھىندىستاندا ئادەتتە بۇ ۋاقىتتا ئالتۇنغا كىرىش ياخشىلىقتىن بىشارەت دەپ قارالغانلىقتىن، بۇمۇ بىر ئالتۇن بازىرىغا نىسبەتەن ياخشى تىرەك بۇلۇپ، ئالتۇن سېتىش مىقدارى 4 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى.
ھىندىستاندا پانۇس بايرىمىنى ئادەتتە توي پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كۈتۈۋالىدۇ . بىر ھىندىستان تەتقىقاتى شىركىتىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە ، ھىندىستان - تۆكۈن ،ئالتۇن بازار كۆلىمى 2020 - يىلىغا بارغاندا 1 تىرىليون 600 مىليارد رۇبلى ( تەخمىنەن 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ) يېتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدا ئاساسەن ئالتۇننى كۆپ سىتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھىندىستاننىڭ توي پەسلىدە ئالتۇن بازىرىنىڭ سودىسى 10مىلياردقا يىتىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ، ھۆل - يېغىن ياخشى بۇلىشى كېرەك، شۇندىلا كۆپ قىسىم دېھقانلار ئالتۇن سېتىۋالغۇدەك مەبلەغقە ئىگە بولالايدۇ.
مىڭ يىلدىن بۇيان ئالتۇن ھىندىستان مەدەنىيىتىدە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ، ئالتۇن گۈزەل بولۇپلا قالماي ، بىر خىل مۇھىم پۇل مۇئامىلە كاپالىتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا شۇنداق . ھىندىستان سودا - سانائەت بىرلەشمىسى <(FICCI)> 2013 - يىللىق بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆتتىن ئۈچ ئۈلۈش ھىندىستانلىقلار ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنى >>خەتەر مەبلەغ سېلىش » دەپ قارايدۇ. بۇ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئالتۇن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھىندىستان ئائىلىلىرىنىڭ دائىملىق ئىستېمال بۇيۇمى. شۇڭا ھىندىستان ئائىلە ئىلكىدىكى ئالتۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئالتۇن زاپىسى بۇلۇپ بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق ، تەخمىنەن 2.3 مىڭ توننا بۇلۇپ،ئومۇمى قىممىتى مىڭ مىلياردقا يىتىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، جۇڭگو ھەم شۇنداقلا روسىيە تەرەپنىڭ ئومۇمى ئالتۇن مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.