ئالتۇن بازىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئالتە مۇھىم ئامىل

sayibjamal 2016-05-26 12:57:30

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چىكاگو سودا گوروھى (CME Group) دىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناس (Erik Norland)ئىرىك نورلاندىنىڭ يېقىندا كۆرسىتىشىچە، ئالتۇن بازىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئالتە مۇھىم ئامىل بار ئىكەن.
بىرىنچى، ئالتۇن باھاسى مەيلى قانچىلىك چۈشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالتۇن كان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا ئاشىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئالتۇن باھاسى %10 چۈشكەن، ئالتۇن كان ئىشلەپچىقرىش مىقدارى %1.4 تىن ئېشىپ 917 مىليۇن ئۇنسىيە بولغان. بۇ يىل ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بەلكىم ئالتۇن كان كارخانلىرىنىڭ تېخىمۇ زور مىقداردا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن.
CPM نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ئالتۇن كان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بەلكىم %3 ئېشىپ 947 مىليۇن ئۇنسىيەگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىككىنچى، ئالتۇن كان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق ئالتۇن باھاسى ئالتۇننى قايتۇرۋېلىپ تەمىنلەش مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نورلاندىنىڭ قارشىچە، ئەگەر بۇ يىل ئالتۇن تەمىنلەش مىقدارى يەنە ئاشسا، ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز بولىدۇ، بىراق ئىككىنچى قېتىملىق تەمىنلەش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
2015-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق تەمىنلەش بىلەن ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يۈزلىنىش ئەكسىگە قايتقان، يەنى ئالتۇن تەمىنلەش يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشقان.
ئۈچىنچى، ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن تىرەش نۇقتىسى بولىدۇ، بىراق بۇ تىرەش نۇقتىسى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ تۇرمايدۇ.
بۇلتۇر 12-ئايدا ئامېرىكا فېدراتسىيەسى ئۆسۈم قوشقاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ يىل يىل بېشىدىن بۇيان دۇنيا بازىرى مۇقىمسىز بولغان ھەمدە ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلىرى ئادەتتىكىچە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى يەنە تۆۋەنلەپ، يىل بېشىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.
بىراق ئالدىنقى ھەپتىدىكى 4-ئايلىق يىغىن مەزمۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدراتسىيىسى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئالتە كۈن چۈشۈپ، چۈشۈش نۇقتىسى 1220 دوللار/ ئۇنسىيە ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
تۆتىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەر مەركىزى بانكىلىرىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش بازىرى بەلكىم ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.
2008-يىلىدىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەت مەركىزى بانكىلىرى ئالتۇن بازىرىدىكى سېتىۋالغۇچىلارغا ئايلانغان، بۇلتۇر ئومۇمىي سېتىۋېلىش سانى تەخمىنەن 100 مىليۇن ئۇنسىيە ئالتۇن بولغان ، بۇ يىل بەلكىم تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىشى مۇمكىن.
نورلاندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتىكى قاراش بويىچە ئېيىتقاندا، مەركىزى بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ئالتۇن بازىرىغا نىسبەتەن خوش خەۋەر بولىدۇ. بىراق ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ سالغانلار بۇنداق قارىمايدۇ. تارىخىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى دائىم يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ تۆۋەن باھادا ساتىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئالتۇن باھاسى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ھەممىنى سېتىۋالغان، ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ۋە بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئالتۇن باھاسى چۈشكەندە، مەركىزى بانكا ئالتۇنلارنى سېتىپ چىقارغان.
بەشىنچى، ئەگەر ئالتۇن باھاسى چۈشسە، ئۇنداقتا ئالتۇن قەرەللىك ھوقوقنىڭ تەۋرىنىشى چوڭ دائىرىدە ئاشىدۇ.
نورلاندىنىڭ قارشىچە، ئالتۇننىڭ تەۋرىنىشى ھازىر بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۋاتقان بولۇپ، 30 كۈنلۈك قەرەللىك ھوقوقنىڭ %16 لىك يۇشۇرۇن تەۋرىنىشى بار بولۇپ، بۇ تارىختىكى تۆۋەن نۇقتىنىڭ %10 دىن يۇقىرى بولغان.
نورلاندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالتۇن ھەمىشە چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا بەكرەك تەۋرىنىدۇ، ئەگەر تەۋرىنىش قايتىدىن ئالدىنقى يىلدىكى %10 ئەتراپىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندە، ئۇنداقتا ئالتۇن قەرەللىك ھوقوقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئالتىنچى، مەنپىي ئۆسۈم نىسبتى ئالتۇنغا نىسبەتەن ئەڭ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى بىلەن ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم سىياسىتى يولغا قويۋاتىدۇ. بىراق بازار مۆلچەرىگە ئوخشاش ياپونىيە يىنىنىڭ دوللارغا ئايلاندۇرلۇش نىسبىتى ئەكسىچە يۇقىرى بولغان. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇنىڭ دوللارغا ئايلىنىش نىسبىتىمۇ ئوخشاش بولغان.
نورلاندىنىڭ قارشىچە، مەنپىي ئۆسۈم تارىيىۋاتقان پۇل سىياسىتىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى پۇلنىڭ دوللارغا ئايلاندۇرۇش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەمىدە بۇ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بۇ ئالتۇنغا نىسبەتەن پايدىلىق بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.