ئالتۇن باھاسى ئۆستى

sayibjamal 2016-05-26 12:54:39

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپتە كىچىك دائىرىدە %0.80 ئۆسكەن ھەمدە كۈندىلىك ئېشىشى 1233.61 دوللار بولغان. چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئامېرىكا فېدراتسىيىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر يەنە سۆز قىلىپ، 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى يەنە كۈچەيتىۋەتكەن. ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشتى. بازار بىر يېڭلىنىپ 1217.55 دوللارغا يىتىپ يەتتە ھەپتىدىن بويانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار كەچلىك ئامېرىكا چىدامچان مەھسۇلاتلار زاكاس تالونلىرى بىلەن ئىشسىزلىق ھەققى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتىغا شۇنداقلا ئامېرىكا فېدراتسىيىسىدىكى پوۋىل ۋە ساينىت لۇيىس فېدراتسيىسى رەئىسى بىرادنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇمات شىركىتى Markit ئېلان قىلغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 5-ئايدا مۇلازىمەت كەسپى سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچى (PMI) 4-ئاينىڭ ئاخىردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن تۆۋەن بولغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە ئۆرلىشىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا 5-ئايدىكى Markit مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچى (PMI)نىڭ دەسلەپكى قىممىتى 51.2، 4-ئايدىكى ئاخىرقى قىممىتى 52.8 بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.