ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-05-26 16:25:12

\


چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال بازرى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، قەرەللىك مال بازىرىغا ئەگىشىپ ئۆرلىدى.

ئامېرىكا قولتۇقى، ئامېرىكا 1-نۇمۇرلۇق سېرىق پۇرچاق نەق مال ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 11.13 دوللار بولدى، توختام ھەر توننىسى 409 دوللار بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 28.25 سېنت ئۆستى. لۇئىسئانا قولتۇقى ئاساس باھا پەرقى 7-ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 25-30 سېنت يۇقىرى چىققان، ئالدىنقى سودا كۈنى بىلەن تەڭلەشكەن.

ئىللىنوئىس ئوتتۇرا قىسىم رايونلېرىدىكى، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بۇشىلنى 10.78 دوللاردىن سېتىۋالغان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىىدن 30.75 سېنت ئۆسكەن. ئاساس باھا پەرقى 7-ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 10-5 سېنتقىچە تۆۋەن بولغان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنى بىلەن تەڭلەشتى.

چارشەنبە كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىل 7-ئايدا سودا كېسىلدىغان سېرىق پۇرچاق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 30.75 سېنت يۇقىرىلاپ، 1085.5 سېنت بولدى؛ 7-ئايلىق قەرەللىك توختام بازار يېپىلىش باھاسى 28.75 سېنت ئۆسۈپ، 1081.75 سېنت بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.