ئامېرىكىنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، پۈتۈن بازاردىكى سودىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋاقىت بۆلىكىدە پۈتۈشۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولۇپ، ئاسىيا ۋاقىت بۆلىكىدە تېخىمۇ سۇسلاشقان.
تۆۋەن يۆتكىلىشچانلىق مۇھىتى قىسقا مۇددەتلىك باھا داۋالغۇشىنى ئاسانلا چوڭايتىپ، تېخنىكا سىگنالى بىلەن ئاساسىي لوگىكا ئوتتۇرىسىدا قىسقا مۇددەتلىك چەتنەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار «ساختا بۆسۈش»ياكى «ساختا قايتا ئۆرلەش»تىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك.
گەرچە چارشەنبە كۈنى ئالتۇن 15 ئايلىق تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدىكى V شەكىللىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ئەگىشىپ سېتىۋېلىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇپ، قايتا ئۆرلەش ئېگىزلىكى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىز بولۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشى تەسكە توختىغان.
تېخنىكا تەرەپ بىلەن ئاساسىي تەرەپ ئورتاق شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھازىر يەنىلا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىجىل سېتىۋېلىش سىگنالىنى كۈتكەندىلا، ئاندىن ئالتۇننىڭ قىسقا مۇددەتلىك تۆۋەن چەكنى ھەقىقىي بەرپا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىكەن. يۆتكىلىشچانلىقى شالاڭ باسقۇچتا، قارىغۇلارچە ئېلىشىش يۈزلىنىش خاراكتېرلىك قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.
تېخىمۇ پۇختا ئۇسۇل ئامبار ئورنىنى كونترول قىلىپ، ئامبار ساقلاش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، ئاچقۇچلۇق تىرەك ئورۇننىڭ مۇقىم بولغان-بولمىغانلىقى ھەمدە پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىنى ئالدىن كۆزىتىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوبوروتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلاپ، ئاندىن يېڭى سانلىق مەلۇمات ۋە مەبلەغ يۆنىلىشىگە ئاساسەن يۆنىلىشنى قايتىدىن باھالاشتىن ئىبارەت .

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.