11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، مەھەللە ئاھالىلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، «ئادەمنى ئاساس قىلىش . ئىجادىي تەرەققىي قىلىش − قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 2026 – يىللىق دۇنيا شەھەر باشلىقلىرى سۆھبىتى . ئۈرۈمچى پائالىيىتى باشلاندى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شىنجاڭغا بارماي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن» «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن» «رۇسىيە جۇڭگونى ياخشى كۆرىدۇ»… 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، 2026 – يىللىق دۇنيا شەھەر باشلىقلىرى سۆھبىتى . ئۈرۈمچى پائالىيىتى باشلاندى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىڭباكې شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايراقدار دۇكىنىنىڭ يېنىدا شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى يازدى.

بۇ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى شىڭباكې غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايراقدار دۇكىنى بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا ماكانلاشقاندىن كېيىن «شىڭبازار» دەپ نام بېرىلدى. دۇكانغا ئەتلەس توقۇلما بۇيۇملار گىرەلەشمە رەتلىك ئېسىلغان، يەنە تىزىق ئۈنچە، پارقىراق ياپراقچە، ئالتۇن يىپ قاتارلىق ئامىللار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنى كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى؛ دۇكان سىرتىدىكى ئورۇندۇقتا، بۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. «بۇ قەھۋەخانا ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەن، بۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مال سېتىۋېلىش خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، سىرتتا ئەركىن – ئازادە ئولتۇرىدىكەن. بىز ئۇلار بىلەن ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ نەزەرىدىكى مەنزىرىگە ئايلىنىپ كەتتۇق.» لائوس ۋيېنتيان ئۆلكىسى پېڭخۇڭ ناھىيەلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كېۋىيسا چياۋكەنكۇڭ مۇنداق دېدى: تۇرمۇش بەختلىك، تىنچ بولغاندىلا، ئاندىن مۇشۇنداق ئازادە ھالەتتە ياشىغىلى بولىدۇ، كۆزلەر ئۇچراشقاندا، كۆپچىلىك تەبىئىيلا كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىدۇ.

11 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن باشلاپ، 13 دۆلەت، 26 شەھەردىن كەلگەن چەت ئەل شەھەر باشلىقلىرى ۋە شەھەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ جەمئىي 200دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان شىنجاڭغا جەم بولۇپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىش . يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش − قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرىنى ئورتاق قۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاراماي، ئىلى، بايىنغولىن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە – زىيارەتتە بولدى.

ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى كۈنى، ئەزىز مېھمانلار كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەھەللىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلدى، بازارلارنى بەھۇزۇر ئايلىنىپ ساياھەت قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى پائالىيىتىنى ھېس قىلىشقا قاتناشتى. «شىڭبازار»دا كۆرگەن – ھېس قىلغانلىرىغا ئوخشاشلا، مەھەللە كوچىلىرىدىن ئاۋات بازارلارغىچە، ئەزىز مېھمانلار ھەممىلا يەردە ئەركىن – ئازادە ئايلىنىۋاتقان پۇقرالارنى ئۇچراتتى، شەھەرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى ۋە بەخت ئاساسىي رېڭىنى چۈشەندى.

ئەزىز مېھمانلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر پىلانلاش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۆزبېكىستان سىر دەرياسى ئوبلاستى گۈلىستان رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېلىبايېۋ خۇرشىد پەرمانكۇلۇۋىچ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى تور ئارقىلىق شىنجاڭنى چۈشەنگەندە، شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ئىدى. «بۈگۈن كۆرگەزمە زالىدا تۇرۇپ، سۈرەت، سىن، سانلىق مەلۇماتلاردىن شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىدە سۈپەتنىڭ سىجىل ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈۋاتقان قويۇق كەيپىياتنى چۈشىنىپ، قەلبىم تولىمۇ ھاياجانغا تولدى» دېدى چېلىبايېۋ خۇرشىد پەرمانكۇلۇۋىچ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي، بۇ جايدا بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەجرىبە بار ئىكەن.» چىلى لېيكولېتا شەھىرىنىڭ پىلان مىنىستىرى ئالېكساندرا دىرابالا مەنلىكىس شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراققا تۇنجى قېتىم كەلگەن بولۇپ، تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنى تونۇشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقى، قەلب رىشتىنىڭ تۇتاشقانلىقى، بىر – بىرىگە تىرەك بولىدىغانلىقى، تەقدىرداش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم كۈچنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك.»

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، كوچىلار پاكىز، رەتلىك، ھويلىلار پاكىز، تەرتىپلىك ئىدى، ئاھالىلەر ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ سەيلە قىلغاچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى كۆرگەندە ھەممىسى كۈلۈمسىرىگىنىچە قول پۇلاڭلىتىپ سالاملىشاتتى. بۇ جايدا، نۇرغۇن ئادەم بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان بىر پارچە سۈرەت ئەزىز مېھمانلارنى جەلپ قىلىۋالدى. «ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 600 كىشى بىرلىكتە يۈز ئائىلە زىياپىتى تامىقىنى بىللە يەپتۇ، ھەقىقەتەن قالتىس مەھەللە ئىكەن» دېدى گىرۇزىيە كاخجى ئوبلاستلىق دۆلەت ۋاكالەت مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى تەييا زۇلياشۋىلى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئېكسكۇرسىيە – زىيارەت پائالىيىتىدىن باشقا، يەنە ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاساسىي ئايلانما ئۈستەل سۆھبىتى، ئەمەلىي كۆرۈنۈش سۆھبىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇھەررىر:热衣拉·阿扎提|مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.