تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ كۆل يۈزى تەدرىجىي مۇز تۇتۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈزلۈك بېلىق تۇتۇش ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. بېلىقچىلار كۈزلۈك بېلىق تۇتۇش ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى تارماقلىرى نەق مەيداننى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقلارنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، قىشلىق بېلىق تۇتۇشنىڭ باشلىنىشىنى جىمجىت كۈتمەكتە.11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى لوتو بوزى كۆلچىكى بېلىق تۇتۇش نۇقتىسىدا بېلىقچىلار ئەڭ ئاخىرقى مۇۋاپىق بېلىق تۇتۇش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، تەرتىپلىك تور يېيىپ بېلىق تۇتۇپ، بۇ يىللىق كۈزلۈك ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇشنى تاماملىدى. بېلىق تۇتۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېلىقچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تور سايمانلىرىنى رەتلەپ يىغىشتۇرۇپ، بۇ يىللىق كۈزلۈك بېلىق تۇتۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بېلىقچى خەن فۇمىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، بېلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر سۇ رايونىغا ئۈزۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ تورنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ كۈزلۈك بېلىق تۇتۇشىمىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ، قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەزگىلىدە قايتا ئىش باشلايمىز».

مۇھەررىر:热孜万古丽·努尔拉|مەنبە:تىيانشان تورى

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.