چىلاننىڭ چۈشۈشى ئاجىزلىدى

10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، خۇاۋېن قەرەللىك مېلىنىڭ 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن چىلاننىڭ ئاساسىي CJ 2701 ئىسكىلاتنى ئازايتىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، بازاردا باسقۇچلۇق يېڭى تۆۋەن نۇقتا كۆرۈلگەن، لېكىن چۈشۈش ۋەزىيىتى سەل ئاستىلىغان، بازاردىكى چۈشۈشكە مايىل ئاساسىي كۈچ پايدىغا ئېرىشىپ ئاياغلاشقان، تۆۋەن ئورۇندىكى سىلىقلاش ئەندىزىسى ئۆزگەرمىگەن. تەمىنلەش جەھەتتە، كونا مەھسۇلاتلاردىن ئاغدۇرۇلغان ئامبار زاپىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل يۇقىرى بولغان، 36 ئەۋرىشكە نۇقتىسىنىڭ فىزىكىلىق ئامبار زاپىسى 9275 توننا بولۇپ، پارچىلىنىشى سەل ئاستا بولغان؛ يېڭى پەسىلدە پۈتۈن شىنجاڭدا چىلانغا قىروۋ چۈشكەندىن كېيىن مەركەزلىك چۈشۈرۈلگەن، خوتەن، چەرچەن، چاقىلىقتا ھەر كىلوگىرامى 4.5 يۈەندىن 5.5 يۈەنگىچە پارچە سودا پۈتۈشۈلگەن بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى كېچىكتۈرۈلۈپ، كەڭ كۆلەملىك سېتىۋېلىش باشلانمغان. يېڭى پەسىلدە 500 مىڭ توننىدىن 600 مىڭ توننىغىچە مۇقىم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلىنىپ بازار باھاسى چۈشۈرۈلگەن، ئاندا-ساندا يېرىلىپ كەتكەن سېسىپ كەتكەن چىلانلارنىڭ تاۋار نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن سەل ناچار بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.