
ئالدىنقى جۈمە كۈنى نەق مال كۈمۈشىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 5.85 پىرسەنتتىن 49.09 دوللارغىچە چۈشۈپ، 11 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 50 دوللاردىن چۈشۈپ كەتكەن؛ پاللادىي ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 1000 دوللاردىن چۈشۈپ، كۈمۈش، پىلاتىنا ۋە پاللادىي ئالتۇننىڭ بۇ ھەپتىدىكى چۈشۈش نىسبىتى 7 پىرسەنتتىن 9 پىرسەنتكىچە بولغان، ئالتۇننىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى چۈشۈش نىسبىتى 2.9 پىرسەنت بولغان. بۇ ئۈچ خىل ئاق رەڭلىك قىممەتلىك مېتالنىڭ نىسپىي كۈچلۈكلۈك كۆرسەتكۈچى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «زىيادە سېتىش»رايونىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان بولۇپ، چۈشۈش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. Tai Wong ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاق رەڭلىك قىممەتلىك مېتاللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،بولۇپمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، بۇ قېتىمقى چۈشۈش ئاستا، سىجىل بولۇپ، قىلچە توختاپ قالمىدى، جىددىي چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە قايتا ئۆرلەش ئەمەس.
كۈمۈشنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ يەنە ئاساسىي سەۋەبىمۇ بار بولۇپ ئۇبولسا. كۈمۈش كۈنسېرى سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تايىنىدىغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، خۇيفېڭ كۈمۈشكە بولغان سانائەت ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتقا بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 2027-يىلى كۈمۈشنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 64 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇ يىللىق ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 71 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. نۆۋەتتە بىر ئۇنسىيە ئالتۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن 79 ئۇنسىيە كۈمۈش كېتىدىغان بولۇپ، 11 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ تەنەرخ بولۇپ ھېسابلىندىكەن؛ بۇ يىل 1-ئايدا كۈمۈش ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 122 ئامېرىكا دوللىرىلىق رېكورت يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندە، بىر ئۇنسىيە ئالتۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن پەقەت 46 ئۇنسىيە كۈمۈش كېتەتتى.
