يېللىن پارلامېنتتا تىنچلىقپەرۋەرلىك توغرىسىدا سۆز قىلدى

gulnur 2017-07-13 15:43:50

\

ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن پارلامېنتتا تىنچلىقپەرۋەرلىك توغرىسىدا سۆز قىلدى.بۇ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىن خاتىرىسى بىلەن فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كوممىتىتىدە خاتىرىلەنگەن« تەدرىجىي تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆسۈم قوشۇش » تەلەپپۇزى ئوخشاش بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 6-ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا يېلېننىڭ ئىپادىسى بەكلا چوڭ بولدى.

چارشەنبە (7-ئاينىڭ12-كۈنى) بىيجىڭ ۋاقتى 22:00دە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى قاتناشتى ھەمدە گۇۋاھلىق سۆزىنى ئىلان قىلدى . ئۇنىڭ ئىچىدە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يېلىن قايتا تەكرارلاپ «تىنىچلىقپەرۋەر» ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك روشەن بولدى.ھەم يېلىن مۇنداق دىدى،«نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرى جىددىي ھالاتتە بۇلۇپ، ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ % 2 پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن ئېيتقاندا،ئامېرىكا ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يۇقىرى ئەمەس ».

يىلىن يەنە مۇنداق دىدى،«ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تەدرىجىي ئۆسۈم قوشۇش قائىدە-يۇسۇنلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئەكەلمەسلىك كېرەك.لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتنىڭ مۈلۈك جەدىۋېلىنى قىسقارتىشى تېزلا كىلىشى مۇمكىن.»

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، يىلىن يەنە مۇنداق دىدى، «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تارقاتقان پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۇدا نەچچە ئاي ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇ ئىنتايىن نۇرمالسىزلىق، ئەگەر ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۇدا نىشاندىكىدىن %2 چۈشۈپ كەتسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ ».

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.