دوللارنىڭ يۆنىلىشىدە داۋالغۇش تېخىمۇ كۈچەيدى

rabigul 2017-07-13 16:34:25

\

FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلېن تاساددىپىي " ئۆسۈم ئۆستۈرمەسلىك" پوزتىيسىنى بىلدۈرۈپ، " ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۇنچە كۆپ نېيتراللىققا يەتكۈزۈش ھاجەتسىز" دېدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزى بازارغا تەسىر كۆرسىتىپ، دوللارنىڭ يۆنىلىشىدە داۋالغۇش تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ بەلكىم يېلېن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتلىرىنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن؛ ئۇ مۇنداق دېدى، ئامېرىكا ئىقتىسادى يېتەرلىك كۈچەيسە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ داۋاملىق سىياسەت چىڭىتىش پىلانىغا يول قويىدۇ، لېكىن بىرقەدەر تۆۋەن پۇل پاخاللىقى ۋە تۆۋەن بولغان نېيترال ئۆسۈم نىسبىتى شارائىتىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ جەرياننى كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىمۇ بازارغا زور تەسىر كۆرسەتتى. كانادا مەركىزى بانكىسى 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم قوشقاندىن كېيىن كانادا دوللىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 200 نۇقتىغا يېقىن ئۆرلەپ، دوللار بېسىمغا ئۇچرىدى.

يېلېن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، نۆۋەتتىكى مۆلچەرنى ئويلاشقاندا، فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى " بەك كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق" ، مۆلچەردىكىگە يېتەلمىسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادى پائالىيەتنىڭ نېيترال سەۋىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىقتىساد يەنىلا كەڭ پۇل سىياسىتىگە ئېھتىياجلىق دەپ ھېس قىلىدۇ، شۇڭا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان نېيترال ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانىنىڭ ئازىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.