نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى چەكلىنىپ قالدى

parida 2017-07-13 15:30:12

\

مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ 8-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 12-كۈنى) 0.45 دوللار ياكى %1.00 ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 45.49 دوللار بولدى؛ برېنت خام نېفىتىنىڭ 9-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى 0.22 دوللار ياكى %0.46 ئۆستى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 47.74 دوللار بولدى. ئامېرىكا خام نېفىتى ۋە بېنزىن زاپسىنىڭ زور مىقداردا تۆۋەنلىشى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمما ئامېرىكا خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى تەمىنلەش-تەلەپ مەسلىسىگە بولغان ئەندىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋەتكەچكە، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى چەكلىنىپ قالدى. ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 46.45 دوللارغا چىقتى، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 48.76 دوللارغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.