ئالتۇن كۈمۈش باھاسى نېمە سەۋەبدىن داۋالغۇش پەيدا بولدى

zumrat 2016-09-27 16:58:25

\

جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى قەغەز ئالتۇن سەيشەنبە(9-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئاسىيا سودا بازىرىدا چۈشۈپ كەتتى. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا بازىرىدا (9-ئاينىڭ26-كۈنى) ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1337.21دوللار بولدى، ئەڭ تۆۋەن كۆرسەتكۈچى 1332.18دوللاردىن، يۇقىرى كۆرسەتكۈچ 1341.98دوللارغىچە بولدى، ھەمدە 1341.7دوللارلىق باھانى ساقلاپ 0.9دوللار ئۆستى، ئۆسۈش دائىرىسى 0.07%بولدى.

سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا ( ئامېرىكا شەرق ۋاقتى كەچ سائەت 9 دا ) ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى نيۇ يوركتا تۇنجى قېتىم ئاشكارا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى، مۇنازىرە ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بازارنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى . شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا 8 -ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش خاتىرىسى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا 7-ئايدىن9-ئايغىچە تەتۈر ئايلىنىپ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى، لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : گەرچە تەۋرىنىش شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ ، يېڭى ئۆي سېتىش ئومۇمىي يۈزلىنىشى يەنىلا ياخشى .

ئالتۇننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆرلەش دائىرىسى %2 تىن ئېشىپ، ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. ئالتۇن باھاسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆرلىشى ئاساسلىقى ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىق توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدا بولدى. نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى ئۇدا تار دائىرىدە ئۆزگىرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياتچانلىقنى قوزغاپ، ئالتۇنغا بولغان مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى ئاجىزلاپ قويدى.

مەبلەغ سالغۇچىلار كېلەر سەيشەنبە كۈنىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلام مۇنازىرسىدىن يىپ ئۇچى ئىزدەۋاتىدۇ. پىڭ بو تور بېكىتى دۈشەنبە كۈنى بىر پارچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ، قوللاش نەتىجىسى 43% گە يەتكەن. ھىلارى بولسا ئىزچىل ياخشى ھالەتنى ساقلىيالماي 41% لىك قوللاش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالتۇن باھاسىدىمۇ سايلام ئەھۋالىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.