ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا

zumrat 2016-09-27 17:15:30

\


سەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ27-كۈنى) خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ،1340دوللارغا ئۆرلىگەن.نۆۋەتتكى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام يىغىنى قىزغىن بەس مۇنازىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلۋاتقان بۇلۇپ،تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىچە ئەگەر Trump غا ئاۋاز قۇشۇش بېلەت سانى ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىسە،ئالتۇن باھاسىنىڭ خىيىم-خەتەر كەيپىياتىدىن ساقلىنىشقا تېرەشلىك ئېلىپ كىلىدىكەن.دۈشەنبە كۈنى(9-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇنقى سىياسىي ئېنىقسىزلىق سەۋەبىدىن،دوللار كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ كەتكەن.ياۋرۇپا ئامېرىكا پاي چەك بازىرى تەڭلا چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسى تۈنۈگۈن ئامېرىكا بازىرىدا شۇ كۈندىكى يۇقىرى نۇقتا 1343دوللارنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا8 -ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش خاتىرسى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدىغان بۇلۇپ،7-ئايدىن9-ئايغا ئۆرلەۋاتقان كۈچلۈك يۈزلىنىش بۇلۇپ قالغان. لېكىن تەھلىلچىلارنىڭ قارشىچە،قانچىلىك كۈچلۈك تەۋرىنىش كېلىپ چىقىشىدىن قەتىئينەزەر، يېڭى ئۆي سېتىش ئۇمۇمىي يۈزلىنىشى يەنىلا ياخشى بولماقتا.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.