7-ماي ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_4 2024-05-07 13:56:22

\

1.غەربىي جەنۇب، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. 5-ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، گۇيجوۋنىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەننىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، يۈننەننىڭ شەرقىي قىسمى، گۈيجوۋنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغدىكەن؛ يۇقىرىقى بىر قىسىم رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ( ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 30 مىللىمېتىردىن 50 مىللىمېتىرغىچە، قىسمەن جايلاردا 60 مىللىمېتىردىن ئاشىدىكەن )، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران ياكى مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
2.ھىندى يېرىم ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. ئۆتكەن 24 سائەتتە، ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ھىندى يېرىم ئارىلى، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، غەربىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئۇدا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدىكەن، قىسمەن جايلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، چىلى، ئارگېنتىنادا بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن ھەمدە قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا ئاز ۋە ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.