كۈمۈش بازىرىنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى

zumrat 2016-09-19 17:35:13

\


خەلقئارا ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ 1317دوللارغا چىقتى. كۈمۈش باھاسى2% ئۆرلەپ 19.17دوللارغا چىقتى. دوللارنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن - كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى . نۆۋەتتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىنى.
جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 16-كۈنى ) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش تەننەرخى 32يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا 8-ئايلىق ئىستېمالچىلار مال باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ مۆلچەر قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرى ئاشتى، ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا 1306دوللار ۋە 18.67 دوللارغا چۈشكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ سەيشەنبىدىن(9-ئاينىڭ 20-كۈنى ) چارشەنبىگىچە (9-ئاينىڭ 21-كۈنى ) 9-ئايلىق فېدېراتسىيە ئۆسۈم قارار يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى يىلى 12- ئايدا بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇپ، ئۆسۈمسىز 7يىلنى ئاخىرلاشتۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.