نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل

karima 2016-09-19 18:17:01

\


دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، خەلقئارا نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋېنسىئۇلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە OPEC غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، لىۋىيەدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بازاردا بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلغان، نېفىت باھاسى بۇنىڭدىن تىرەشلىككە ئېرىشتى.
ۋېنسۇئېللا زۇڭتۇڭى Nicolas Maduro ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ئايدا ئېھتىمال نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ۋە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى داۋاملاشقانلىقتىن ، نېفىت بازىرى بېسىمغا ئۇچرىدى.
CMC Markets باش بازار تەھلىلچىسى Ric Spooner كۆرسەتمە بېرىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋېنسۇئېللا تەرەپنىڭ ئالاقىدار نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن مەھسۇلات مىقدارى كېلىشىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرگە نىسبەتەن بازاردا ئىنكاس پەيدا بولغان.
Spooner نىڭ يەنە ئېيتىشىچە، لېۋىيەنىڭ ئېكىسپورت قاچىلاش يۈتكەش كاشىلىغا ئۇچرىشىمۇ ، نېفىت بازىرىغا تىرەشلىك بولدى.
گەرچە بۈگۈن نېفىت باھاسى بىرئاز يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساس يۈز خەۋرى يەنىلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىگە زەربە بولدى، بولۇپمۇ تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش كۈچەيگەن ئەھۋال ئاستىدا.
بېيجىڭ ۋاقتى 15:53 دە ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.22 ئۆسۈپ، 46.33 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.49 ئۆسۈپ، 43.67 دوللار/باك بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.