كەلگۈسىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىلا ئۆرلەش بوشلۇقى بار

rabigul 2016-09-19 12:21:05

\

9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ يۇقىرى نۇقتىسى 1314.73 دوللار ئەتىراپىغا چىقتى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى( 9-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئامېرىكا 8-ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى تاساددىپىي يۇقىرى ئۆرلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئھېتىقماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى، شۇ سەۋەبتىن دوللار كۈچىيىپ ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەن باھاسى 1306 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى، ھەم ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەپتە سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئىككى كۈنلۈك پۇل سىياسىتى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، گەرچە يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسى بىردەك چىقمىغان بولسىمۇ، بازار ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى 12-ئايغىچە كېچىكتۈرىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

گەرچە دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن، ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئەڭ تۆۋەن باھادا بازار يېپىلغان بولسىمۇ، لېكىن بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى بۇ ئايدا ئۆستۈرمەسلىكى، ھەمدە بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى ئالتۇن باھاسىنى كەلگۈسىدە بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار نەزەردە قارىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.