ئالتۇن مۇقىم بازىرى خۇش خەۋەر كۈتۈۋىلىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-25 11:55:55

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) يەنە ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى باھا 1254.31 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، بۇ ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن سەل تۆۋەن بولۇپ، نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى ئېلان قىلىدىغان يىغىن خاتىرىسىنى كۈتۈۋاتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆسۈم قوشۇش يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 2:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاشكارا بازار كومىتېتى FOMC) 5)-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. چېكاگو سودا بىرژىسى (CME) گۇرۇھى فېدېراتسىيە كۈزىتىش ئاپاراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مېلىنى چۈشەندۈرگۈچى سودا خادىمى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى ئېھتىماللىقى %79 دەپ قارىدى ھەمدە 6-ئاينىڭ 14-13-كۈنلىرىدىكى يىغىندا ئۆسۈمگە 0.25 نۇقتا قوشۇلىدىغانلىقى، ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ 1.25-1.00 ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بازاردا سېتىلىدىغان ئۆي زاپسى قىس بولغاچقا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 4-ئايدىكى تەييار ئۆي سېتىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.