ئۆسمۈرلەر سۇغۇرتىسى زادى قانداق سۇغۇرتا؟

parida 2020-05-07 18:12:08

\

ئۆسمۈرلەر سۇغۇرتىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سۇغۇرتىلانغۇچى قىلغان سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى بالىلار سۇغۇرتىسى، كۆپىنچىسى پايدا تەقسىملەش سۇغۇرتىسى بالىلارنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال، داۋالىنىش قاتارلىق ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مائارىپ پۇلى، توي - تۆكۈن پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ خوددى سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنىڭ مەڭگۈ بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئوخشايدۇ. چوڭلارنىڭ سۇغۇرتىسى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇ يەردىكى، كاپالەت مەنىسىدىن ئېيتقاندا، چوڭلار سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى كىرىم يارىتىش ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۆسمۈرلەر سۇغۇرتىسى ئاساسلىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش، توي - تۆكۈن خىراجىتى، شۇنىڭدەك ئۇلار دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك، مېيىپلىك، ئۆلۈم قاتارلىق خەۋپ - خەتەرلەرنى ھەل قىلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، ئۆسمۈرلەر سۇغۇرتىسى ئاساسلىقى چوڭ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : بىرى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، يەنە بىرى، مائارىپ پۇل ئامانىتى خاراكتېرىدىكى سۇغۇرتا.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.