نېفىتنىڭ باھار پەسلى يېتىپ كەلدىمۇ؟

parida 2020-05-07 18:32:20

\

پەيشەنبە كۈنى ( 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا خام نېفىت نورمال ھالەتتە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، كۈنلۈك سودا ئىچىدىكى نېفىت باھاسى 26.45 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن ، نۆۋەتتە تار دائىرىلىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مورگان سىتانلى ( M o r g a n S t a n l e y ) ئانالىزچىسى مۇنداق دېگەن: نېفىت باھاسىنىڭ ئەڭ ناچار مەزگىلى ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئەسلىگە كېلىش يولى ئۇزۇن ھەم جاپالىق .

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 4 - ئاي نېفىتقا بولغان ئېھتىياج ئەڭ ناچار بولغان بىر ئاي ئىكەن، ھازىردىن باشلاپ نېفىتقا بولغان ئېھتىياج ئەسلىگە كېلىدىكەن، گەرچە سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ، بىراق، نېفىت زاپىسى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، بۇ نېفىت باھاسىنىڭ يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن . مورگان داتۇڭنىڭ ئانالىزچىسى نېفىت باھاسىغا بولغان مۆلچەرىنى ئۆزگەرتمىگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، برېنت نېفىتىنىڭ بۇ يىل 4 - پەسىلدە ھەر بىر باكىنىڭ باھاسى 35ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، نۆۋەتتىكى پەسىلدىكى باھاسى 25ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە، مورگان سىتانلىنىڭ تەھلىلچىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ، نېفىت ئېھتىياجىنىڭ كىرىزىستىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن .

مورگان سىتانلىنىڭ نېفىت تەتقىقات مەسئۇلى M a r y j n R a t s مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : « ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ، بىز كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى بەزى قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن .

بۇ ماقالىدە ئۇ يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر خىل كۆز قاراشنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى دۆلەت قامالنى تەدرىجىي بوشاشتۇرۇپ قويغاچقا، نېفىت ئىستېمالىنىڭ ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.