29-ئاپېرىلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2024-04-29 11:50:24

\


پېڭپەي خەۋەرلىرى:4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:توكسىكلىتلارنىڭ جۇڭگودا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، كەلگۈسىدە بارلىق ئاپتوموبىللار توكلۇق بولىدۇ.
تاموژنا باش مەھكىمىسى مۇنداق دېدى:2024-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 610 مىليارد يۈەن بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 3 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 10.3 ئاشقان؛ ئىمپورت مىقدارى ئىككى تىرىليون 860 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 6.7 ئاشقان.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
كورېيە ھۆكۈمىتى:بۇ يىل 3-ئايدا، ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 3.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە -چىۋىلەرنىڭ باھاسى% 41.2 ئۆسۈپ، 32 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق رېكورتنى ياراتتى.
ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى مۇنداق دېدى: باھانىڭ ئۆسۈشىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ 3-ئايدىكى ئەمەلىي ئىش ھەققى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 0.6 تۆۋەنلەپ، ئۇدا 22 ئاي تۆۋەنلىدى.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
جۇڭ جىيۈەن:2023-يىلى 2-ئايدا، 100 شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 16 مىڭ 220 يۈەن بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 0.10 ئاشقان، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.05 پىرسەنت پوئېنت كېڭىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 0.27 ئاشقان.
ئىقتىساد تورى خەۋىرى:2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى ئاپتوماتىك ھالدا قايتىدىن باھا بېكىتىلىدۇ.
شاڭخەي كىنوچىلىقى:2023-يىلى شىركەتنىڭ قارىمىقىدىكى ليەنخې كىنوخانىلىرىنىڭ بېلەت كىرىمى جەمئىي 4 مىليارد 483 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 105.90 ئاشتى، 2021-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.69 ئاشتى؛
كورېيە:2023-يىلى 3-ئايدىكى ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 5.1 ئېشىپ، مۆلچەر% 6.6 بولغان؛ ئىمپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 10.8 تۆۋەنلەپ، مۆلچەردىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى% 11.4 بولغان.
جۇڭگو فوندى گېزىتى:2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەسىپداشلار ئامانەت تالونى كۆرسەتكۈچى فوندى يەنە مەبلەغنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە :
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: ئالدىنقى جۈمە كۈنى، داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.40 ئۆرلەپ، 38239.66 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىدە% 0.67 ئۆرلىدى، ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى% 1.02 ئۆرلەپ، 5099.96 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىدە% 2.67 ئاشتى؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 2.03 ئۆرلەپ، 15927.90 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىدە% 4.23 ئاشتى.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى، گىرمانىيەنىڭ DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 1.36 ئۆرلەپ، 18161.01 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىدە% 2.39 ئۆرلىدى. فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.89 ئۆرلەپ، 8088.24 نۇقتىغا يېتىپ، ھەپتىدە% 0.82 ئۆرلىدى؛ ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.75 ئۆرلەپ، 8139.83 نۇقتىغا يېتىپ ، ھەپتىدە% 3.09 ئۆرلىدى.
خام نېفىت جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى، خام نېفىت زاكاز مېلى 6-ئايدىكى توختام باھاسى% 0.34 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 83.85 دوللار بولغان،بېنرت خام نېفىت زاكاز مېلىنىڭ 6-ئايدىكى توختام باھاسى 0.55 ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 89.50 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.