ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدا پەۋقۇلئاددە قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بەردى

parida 2018-05-03 18:18:38

\

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدا 5-ئاينىڭ 3-كۈنى پەۋقۇلئاددە قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئاز بولغاندىمۇ 77 ئادەم قازا قىلغان، 143 كىشى يارىلانغان. ئېگىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ئاگىرا رايونى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا Matysya رايونىدىمۇ ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان. كۆپ قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ستولبا ۋە دەرەخلەر قۇمۇرۇلۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى تىۋىتېردا، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە قۇتقۇزغۇچى خادىملاردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

\

\

\

\ \

\

\

\

\

\
\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.